مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى 1 دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ يەكشەنبە كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى يوقلاپ باردى. 2 تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتتى، چۈنكى رەبنىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە بېرىپ تاشنى بىر يانغا دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. 3 پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. 4 قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قورقۇپ تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى. 5 پەرىشتە ئاياللارغا مۇنداق دېدى: - قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستكە مىخلانغان ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. 6 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدى. كېلىڭلار، ئۇ ياتقان جاينى كۆرۈڭلار. 7 دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا: «ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. جەلىلىيىگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم. 8 ئاياللار بىر تەرەپتىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، يۈگۈرگەن پېتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا خەۋەر بېرىشكە كېتىشتى. 9 توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - سالام سىلەرگە! - دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. 10 شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا خەۋەر قىلىڭلار. جەلىلىيىگە بارسۇن، مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، - دېدى. قوغدىغۇچىلارنىڭ خەۋىرى 11 ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، قەبرە قوغدىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالىي روھانىيلارغا خەۋەر قىلدى. 12 ئالىي روھانىيلار ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە زور مىقداردا پۇل بېرىپ: 13 - سىلەر: «ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» دەڭلار. 14 ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئارىغا چۈشۈپ، سىلەرگە گەپ كەلتۈرمەيمىز، - دېدى. 15 شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. بۇ ئىغۋا بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى 16 ئون بىر شاگىرت ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئېيتقان جەلىلىيىدىكى تاغقا چىقىشتى. 17 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى، لېكىن بەزىلىرى گۇمان ئىچىدە ئىدى. 18 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. 19 شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، 20 ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti