Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


يەھۇدانىڭ ئۆلۈشى

1 تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، پۈتۈن ئالىي روھانىيلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن باغلاپ،

2 ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.

3 ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى ۋە ئالىي روھانىيلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ:

4 - مەن بىگۇناھ بىر جانغا زامىن بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، - دېدى. - بۇ سېنىڭ ئىشىڭ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ - دېيىشتى ئۇلار.

5 يەھۇدا پۇللارنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چېچىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.

6 پۇللارنى يىغىۋالغان ئالىي روھانىيلار: - قان تۆكۈش ئۈچۈن تۆلەنگەن بۇ تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، - دېيىشتى.

7 ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا مازارلىق قىلىش ئۈچۈن، خۇمدانچىنىڭ بىر پارچە يېرىنى سېتىۋالدى.

8 شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق يەر» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

9 بۇ ۋەقە ئارقىلىق يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئۇلار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىگەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىشتى

10 ۋە پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، خۇمدانچىنىڭ يېرىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى.»


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى

11 ھەزرىتى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

12 ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.

13 بۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئۇنىڭغا: - سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلىنغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلەرنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ - دېدى.

14 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى.

15 ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىي ئادىتى بويىچە خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى.

16 ئەينى ۋاقىتتا، بارابباس ئىسىملىك نامى چىققان بىر مەھبۇس زىنداندا ئىدى.

17 خەلق بىر يەرگە جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: - سىلەر ئۈچۈن كىمنى قويۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ - دەپ سورىدى.

18 پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.

19 پىلاتۇس سوراق مۇنبىرىدە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا: - ئۇ بىگۇناھ ئادەمگە تەگمەڭ. ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم، - دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.

20 ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خەلقنى كۈشكۈرتۈپ، ۋالىي پىلاتۇستىن بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدۇردى.

21 ۋالىي ئۇلاردىن يەنە: - سىلەر ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - بارابباسنى، - دېيىشتى ئۇلار.

22 - ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ - دېدى پىلاتۇس. ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دېيىشتى.

23 پىلاتۇس: - نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ - دەپ سورىدى. بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ تۇرۇۋېلىشتى.

24 پىلاتۇس يەنە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: - بۇ ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەس، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! - دېدى.

25 پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى.

26 بۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.


لەشكەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مازاق قىلىشى

27 كېيىن، لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى.

28 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى.

29 تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن، ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى.

30 ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى.

31 ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشى

32 ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كىرىنى شەھىرىلىك سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى.

33 ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە،

34 ھەزرىتى ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى تېتىپ كۆرۈپ، ئىچكىلى ئۇنىمىدى.

35 لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.

36 ئاندىن كېيىن، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ نۆۋەتچىلىك قىلدى.

37 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى ئەيسا» دەپ يېزىلغان بىر گۇناھ تاختىسىنى ئاستى.

38 ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى.

39 ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ:

40 - قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىنا! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىن! - دېيىشتى.

41 ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللارمۇ ئۇنى شۇنداق مەسخىرە قىلىپ:

42 - باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىمىش تېخى! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى.

43 ئۇ خۇداغا ئىشىنەتتى، خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! چۈنكى، ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، - دېيىشتى.

44 ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

45 چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى.

46 سائەت ئۈچلەردە ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلى، ئېلى، لەما شەۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ ۋارقىرىدى.

47 ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى خاتا ئاڭلاپ: - بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ - دېيىشتى.

48 ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكەلدى. ئاندىن، ئۇنى ئەرزان ئۈزۈم شارابىغا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ھەزرىتى ئەيساغا ئىچكۈزمەكچى بولدى.

49 باشقىلار: - توختاپ تۇرۇڭلار، قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ - دېيىشتى.

50 ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، جان بەردى.

51 شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. زېمىن سىلكىنىپ، تاشلار يېرىلىپ،

52 قەبرىلەر ئېچىلدى. ھەزرىتى ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بىرمۇنچە تەقۋادار ئادەملەر تىرىلدى.

53 ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى.

54 ھەزرىتى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەر زېمىننىڭ سىلكىنىشى ۋە باشقا ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا: - ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېيىشتى.

55 ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى.

56 ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

57 كۈن پېتىشقا يېقىن، ئاراماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى.

58 ئۇ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ئەمر قىلدى.

59 يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كەندىر رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى

60 ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىگە قويدى. ئاندىن، قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.

61 مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم بولسا ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشتى.


قەبرىنى قوغداش

62 دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ھارپىسى ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭ ئەتىسى، ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشۇپ:

63 - جانابلىرى، ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە.

64 شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرىنى ئۈچىنچى كۈنىگىچە قوغداش ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلمىغاندا، شاگىرتلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. ئۇ ئىغۋاگەرچىلىك ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، - دېيىشتى.

65 پىلاتۇس ئۇلارغا: - قوغدىغۇچى لەشكەر ئېلىپ بېرىپ، قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە قوغداڭلار، - دېدى.

66 ئۇلار لەشكەرلەر بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan