Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت

1 ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، قايتىش ئالدىدا تۇرغىنىدا، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.

2 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مانا بۇلارنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى.


كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەتلەر

3 ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، شاگىرتلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سىزنىڭ ۋە زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەتلەر بولىدۇ؟ - دەپ سوراشتى.

4 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار.

5 چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.

6 سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.

7 بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ.

8 مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ.

9 ئۇ چاغدا، كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن پۈتكۈل مىللەتلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.

10 ئۇ چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ.

11 نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ.

12 رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇيدۇ.

13 لېكىن، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.

14 خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ.


يېرۇسالېمدىكى چوڭ بالايىئاپەت

15 - دانىيال پەيغەمبەر ئېيتقان «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن)

16 يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن.

17 ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن.

18 ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ چاپىنىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن.

19 ئۇ كۈنلەردە قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

20 قېچىشىڭلارنىڭ قىش ياكى دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.

21 چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.

22 ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن، ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ.

23 ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.

24 چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.

25 ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن بۇلارنى ئېيتىش بىلەن سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.

26 شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، مەسىھ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بېرىپ يۈرمەڭلار. «قاراڭلار، ئۆينىڭ ئىچىدە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.

27 چۈنكى، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ چاققان چاقماقتەك بولىدۇ.

28 قۇزغۇنلارنىڭ توپلىنىشى جەسەتنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندەك، بۇ ئالامەتلەر مەن تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.


ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشى

29 - ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»

30 ئۇ چاغدا، ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.

31 ئۇ پەرىشتىلىرىنى جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.


ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش

32 - ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يېڭى يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر.

33 خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يەنى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار.

34 شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ.

35 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.


ھوشيار بولۇڭلار

36 - بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت-سائىتىگە كەلسەك، بۇنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. نە ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى، نە ئوغلى بىلمەيدۇ.

37 نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

38 نۇھ توپان كېلىشتىن ئىلگىرى كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، شۇ زاماننىڭ كىشىلىرى بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى.

39 تۇيۇقسىز كەلگەن توپان كېمىگە چۈشمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىدىن خەۋەرسىز بولغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

40 ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئىككى كىشىدىن بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ.

41 تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ.

42 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلار قايتىپ كېلىدىغان كۈننى بىلمەيسىلەر.

43 لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، قاراپ تۇرۇپ، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە.

44 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ!


ئىشەنچلىك ۋە ئىشەنچسىز چاكارلار

45 - كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ.

46 خوجايىن سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ، چاكىرىنىڭ شۇنچىلىك ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرسە، بۇ چاكارنىڭ بەختى.

47 بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.

48 لېكىن، ئەگەر چاكار كۆڭلىگە يامان غەرەز پۈكۈپ: «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ،

49 باشقا چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە ئۈلپەتلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ مەست بولۇپ يۈرسە،

50 خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ،

51 ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ. نەتىجىدە، چاكار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan