Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ساختىپەزلەرنىڭ ئەيىبلىنىشى

1 شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىققا ۋە شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

2 - تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرگە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا تەبىر بېرىش ھوقۇقى بېرىلگەن.

3 شۇڭا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار، لېكىن قىلغانلىرىنى قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ.

4 ئۇلار قاتتىق دىنىي قائىدىلىرى ئارقىلىق ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. لېكىن، ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بارماقلىرىنى مىدىرلىتىشنىمۇ خالىمايدۇ.

5 ئۇلار ھەممە ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئايەت قۇتىسنىڭ چوڭىنى چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ.

6 زىياپەتلەردە تۆردە، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ.

7 بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلەپ سالام بېرىشى ۋە «ئۇستاز» دەپ ئاتىشىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

8 بىراق، سىلەر «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشقا كۆنمەڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا قېرىنداش.

9 يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى ھۆرمەتلەپ «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار بار. ئۇ بولسىمۇ ئەرشتىكى ئاتاڭلاردۇر.

10 سىلەر «خوجايىن» دەپ ئاتىلىشقىمۇ كۆنمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا خوجايىنىڭلار بار. ئۇ بولسىمۇ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتۇر.

11 ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن.

12 ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، تۆۋەن تۇتقىنى ئۈستۈن قىلىنىدۇ.

13 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}

14 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەيسىلەر. ئاندىن، باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر. شۇڭا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر.{

15 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر بىرەر ئادەمنى دىنىي ئېقىمىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، يەر-جاھاننى ئايلىنىپ چىقىسىلەر. بىراق، ئۇ كىشى ئېقىمىڭلارغا كىرگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى دوزاخقا كىرىشكە ئۆزۈڭلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ لايىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر.

16 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر: «ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك» دەيسىلەر.

17 ئەي كۆزى كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟

18 سىلەر يەنە: «قۇربانلىق سۇپىسىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قۇربانلىقلارنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك» دەيسىلەر.

19 ئەي كورلار! قۇربانلىق ئۇلۇغمۇ ياكى قۇربانلىقنى مۇقەددەس قىلغان قۇربانلىق سۇپىسىمۇ؟

20 شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇربانلىق سۇپىسىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى ھەم قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەم ئۇنىڭدىكى قۇربانلىقنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ.

21 ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچىمۇ ھەم ئىبادەتخانىنى، ھەم ئىبادەتخانىدا بولغۇچى خۇدانى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ.

22 ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى خۇدانىڭ تەختى ۋە تەختتە ئولتۇرغان خۇدانى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ.

23 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

24 ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر چىنەڭلەرگە چۈشكەن كىچىككىنە پاشىنىمۇ سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسلەر!

25 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان.

26 ئەي قارىغۇ پەرىسىيلەر! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلاڭلار، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ.

27 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، لېكىن ئىچى ئۆلۈك ئۇستىخان ۋە ھەر خىل چىرىغان نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر.

28 تېشىڭلاردىن كىشىلەرگە دۇرۇس ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە يامانلىق بىلەن تولغان.

29 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياسىدىڭلار، ئادىللارنىڭ ئابىدىلىرىنى بېزىدىڭلار.

30 «ئەجدادلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساقىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قىلمىشلىرىغا شېرىك بولمايتتۇق» دەيسىلەر.

31 دېمەك، «ئەجدادلىرىمىز» دېگەن سۆزۈڭلار بىلەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ نەۋرىلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھلىق بەردىڭلار.

32 شۇنداق ئىكەن، ئەجدادلىرىڭلار باشلاپ بەرگەن ئىشنى ئادا قىلىڭلار!

33 ئەي زەھەرلىك يىلانلار! يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى! دوزاخ ئازابىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟

34 مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، ئاقىللار ۋە دىنىي ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرىسىلەر، كرېستكە مىخلايسىلەر، بەزىلىرىنى ئىبادەتخانىلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر.

35 شۇنداق قىلىپ، بىگۇناھ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى بەرەكيانىڭ ئوغلى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ھەممە بىگۇناھلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان قان قەرزلىرىگە جاۋاب بېرىسىلەر.

36 بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ قىلمىشلارنىڭ جازاسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرىنىڭ بوينىغا چۈشىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن نالە قىلىشى

37 - ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.

38 مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ.

39 شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan