Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


توي زىياپىتى توغرىسىدىكى تەمسىل

1 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىل بىلەن مۇنداق دېدى:

2 - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن تەييارلىغان توي زىياپىتىگە ئوخشايدۇ.

3 توي كۈنى، پادىشاھ زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنى چاقىرىش ئۈچۈن چاكارلىرىنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن مېھمانلار كېلىشنى خالىماپتۇ.

4 بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «مېھمانلارغا: ˜قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!Œ دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.

5 بىراق، مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ.

6 قالغانلىرى ھېلىقى چاكارلارنى تۇتۇۋېلىپ، قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.

7 غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ لەشكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.

8 ئاندىن، چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار، لېكىن چاقىرىلغانلار لايىق بولۇپ چىقمىدى.

9 ئەمدى سىلەر يول ئاچاللىرىغا بېرىپ، ئۇچراتقانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تويغا تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ.

10 بۇنىڭ بىلەن، چاكارلار يول ئاچاللىرىغا چىقىپ، ياخشى بولامدۇ، يامان بولامدۇ، ئۇچراتقانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپتۇ. توي بولغان ئورۇن مېھمانلار بىلەن تولۇپتۇ.

11 پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، ئۇ يەردە توي كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ.

12 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، توي كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەپتۇ.

13 پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەرگە تاشلانغانلار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.

14 ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا: - تەكلىپ قىلىنغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئاز، - دېدى.


باج تاپشۇرۇش مەسىلىسى

15 بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن كېتىپ، قانداق قىلىپ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.

16 ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز.

17 قېنى، ئېيتىپ بەرگەيسىز، رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟ - دېيىشتى.

18 ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - ئەي ساختىپەزلەر، نېمىشقا مېنى سۆزۈم ئارقىلىق ئىلىندۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟

19 باجغا تاپشۇرىدىغان پۇلۇڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلارچۇ، - دېدى. ئۇلار بىر دانە كۈمۈش تەڭگە ئەكەلدى.

20 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دەپ سورىدى.

21 - رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. - ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

22 ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇشتى-دە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى.


تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

23 شۇ كۈنى، ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ، دەپ قارايدىغان سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

24 - ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تەلىم بەرگەن.

25 بۇرۇن بۇ يەردە يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، كەينىدىكى ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئالدى.

26 بىراق، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئايالى كەينىدىكى ئىنىسىغا ياتلىق بولدى. بۇ ئىش تاكى يەتتىنچى ئىنىسىغىچە داۋاملاشتى.

27 ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى.

28 ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىدىن قايسىسىنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە!

29 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن خاتالىشىسىلەر.

30 ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ.

31 ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى تىرىك ھېسابلاپ،

32 «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر.

33 بۇلارنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن داڭ قېتىپ قېلىشتى.


ئەڭ مۇھىم ئەمر

34 پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى.

35 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

36 - ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ - دەپ سورىدى.

37 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن.»

38 ئالدىنقى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەمر مانا شۇ.

39 ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.»

40 پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى بۇ ئىككى ئەمرنى ئاساس قىلغان.


قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سالاھىيىتى

41 پەرىسىيلەر توپلىشىپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

42 - قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ توغرىسىدا نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ - دەپ سورىدى. - داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، - دېيىشتى ئۇلار.

43 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن داۋۇت پادىشاھ مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى «خوجايىنىم» دەپ ئاتايدۇ؟ داۋۇت زەبۇردا مۇنداق دېگەنغۇ:

44 «پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ»

45 قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟!

46 ھەزرىتى ئەيساغا ھېچكىم گەپ قايتۇرالمىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan