مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئۈزۈمزارلىقتىكى ئىشلەمچىلەر 1 ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: - چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. يەر ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەم ياللاش ئۈچۈن قاق سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ. 2 ئۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ كۈنلۈكىگە بىر كۈمۈش تەڭگىدىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ. 3 سائەت توققۇز ئەتراپىدا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار يۈرگەن باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ. 4 ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار، ھەققىڭلارنى مۇۋاپىق بېرىمەن» دەپتۇ. 5 ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈش ۋاقتىدا ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە ئۇ قايتا چىقىپ، يەنە شۇنداق ئىشلەمچىلەردىن بىرنەچچىنى ياللاپتۇ. 6 سائەت بەشلەردە چىققىنىدا، ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار يۈرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. 7 «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ئۇلار. «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» دەپتۇ يەر ئىگىسى ئۇلارغا. 8 كەچقۇرۇنلۇقى، يەر ئىگىسى غوجىدارغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ. 9 چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئىشقا چۈشكەنلەر كېلىپ، غوجىداردىن بىر كۈمۈش تەڭگىدىن ئېلىشىپتۇ. 10 ئەڭ ئاۋۋال ئىشقا چۈشكەنلەر تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ. بىراق، ئۇلارغا نۆۋەت كەلگەندە، غوجىدار ئۇلارغىمۇ بىر كۈمۈش تەڭگىدىن بېرىپتۇ. 11 ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر ئىگىسىدىن رەنجىپ: 12 «كېيىن كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارغا كۈن بويى قاتتىق ئىسسىقتا ئازاب چەككەن بىزگە ئوخشاش ھەق بەردىڭىز!» دېيىشىپتۇ. 13 يەر ئىگىسى ئۇلارنىڭ بىرىگە مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش تەڭگىگە كېلىشمىگەنمىدۇق؟ 14 ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن، كېيىن كەلگەنلەرگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرسەم نېمە بوپتۇ؟ 15 ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟» 16 دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى 17 ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى شاگىرتىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: 18 - مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ، 19 رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، كرېستكە مىخلايدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ. بىر ئانىنىڭ تەلىپى 20 شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئايالى ئون ئىككى شاگىرت ئىچىدىكى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ، بىر تەلىپى بارلىقىنى ئېيتتى. 21 - نېمە تەلىپىڭىز بار؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. ئايال ئۇنىڭغا: - قوبۇل قىلغايسىز، سىزنىڭ پادىشاھلىقىڭىزدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭىزدا، بىرى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرسۇن، - دېدى. 22 - سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ئىچەلەمسىلەر؟ - ئىچەلەيمىز، - دېيىشتى ئۇلار. 23 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ئورتاق بولىسىلەر. بىراق، ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. ئاتام ئۇ ئورۇنلارنى كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ. 24 بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت بۇ ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى. 25 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: - سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ. 26 بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. 27 كىم ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارنىڭ قۇلى بولسۇن. 28 ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىككى قارىغۇنى ساقايتىشى 29 ئۇلار ئېرىخا شەھىرىدىن ئايرىلغاندا، توپ-توپ كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. 30 يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى قارىغۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: - ئى تەقسىر، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، رەھىم قىلغايسىز، - دەپ توۋلىدى. 31 كۆپچىلىك ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇلار: - يا رەببىم، ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! - دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى. 32 ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. 33 - يا رەببىم، كۆزلىرىمىزنى ئاچقايسىز! - دېيىشتى ئۇلار. 34 ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تەگكۈزگەنىدى، كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti