مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغا چۆمۈشى 1 ئالتە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. 2 ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى. 3 توساتتىن، شاگىرتلارغا مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. 4 پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا: - ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىسىڭىز، بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياساي، - دېدى. 5 پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 6 شاگىرتلار بۇنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا يەرگە دۈم يېتىۋالدى. 7 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ: - قوپۇڭلار، قورقماڭلار، - دېدى. 8 ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمىدى. 9 تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىڭلارنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، - دەپ تاپىلىدى. 10 ئاندىن شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن: - تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ - دەپ سوراشتى. 11 ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى قېلىپىغا كەلتۈرىدۇ. 12 بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، ئۇلار ئىنسانئوغلىغىمۇ ئازاب سالىدۇ، - دېدى. 13 شۇ چاغدا، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىلياس پەيغەمبەرنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ساقايتىلىشى 14 ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: 15 - تەقسىر، ئوغلۇمنىڭ ھالىغا يەتكەيسىز! بالىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بولغاچقا، ھالى بەك خاراب، دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈۋالىدۇ. 16 ئۇنى شاگىرتلىرىڭىزغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، - دېدى. 17 - ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. 18 ھەزرىتى ئەيسا جىنغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى. 19 كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا يالغۇز قالغاندا، شاگىرتلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىيەلمىدۇق؟ - دەپ سوراشتى. 20 - ئېتىقادىڭلار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچكەن بولاتتى. ئېتىقادىڭلار بولسا، قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. } 21 بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەنلا ھەيدىگىلى بولىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.{ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى ئىككىنچى قېتىم ئېيتىشى 22-23 ئۇلار جەلىلىيە ئۆلكىسىدە جەم بولغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ، - دېدى. بۇ سۆز شاگىرتلارنى غەم-قايغۇغا سالدى. ئىبادەتخانا بېجى تاپشۇرۇش 24 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، ئىبادەتخانا بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: - ئۇستازىڭلار ئىبادەتخانا بېجىنى تۆلىمەمدۇ؟ - دەپ سورىدى. 25 - تۆلەيدۇ، - دېدى پېترۇس. پېترۇس ئۆيگە كەلگەندە، ئۇ تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - سىمۇن، سېنىڭچە دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ ياكى باشقىلاردىنمۇ؟ - دەپ سورىدى. 26 پېترۇس: - باشقىلاردىن، - دېيىشى بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا: - ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر باجدىن خالىي بولىدۇ. 27 بىراق، باج يىغقۇچىلارنىڭ چىشىغا تەگمەيلى، كۆلگە بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنىڭ ئاغزىنى ئاچساڭ، بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، - دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti