Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

1 ئۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ھىرود خان

2 قول ئاستىدىكىلەرگە: - بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ، - دېدى.

3 ھىرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغاندا، ئۇ ئايالنىڭ تەلىپى بىلەن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى.

4 چۈنكى، يەھيا ھىرودقا: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى.

5 ھىرود شۇ سەۋەبتىن يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خەلقتىن قورققانىدى، چۈنكى خەلق يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.

6 ھىرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئايالى ھىرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھىرودقا شۇنداق ياقتىكى،

7 قىزغا نېمە تىلىسە شۇنى بېرىشكە قەسەم قىلدى.

8 قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن: - دەرھال چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكېلىڭ، - دېدى.

9 ھىرود خان بۇنىڭغا ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، بۇ تەلەپنى ئورۇنداشنى بۇيرۇدى.

10 ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى.

11 بىر تەخسىگە قويۇلغان كاللا قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى.

12 يەھيانىڭ شاگىرتلىرى بېرىپ، جەسەتنى دەپنە قىلدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيساغا ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇشى

13 ھەزرىتى ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، خىلۋەت بىر جايغا ئۆزى يالغۇز كېتىش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ يەردىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خەلق ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى.

14 ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشكىنىدە، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى.

15 كەچقۇرۇن، شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: - بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە تاماق سېتىۋالسۇن، - دېدى.

16 - ئۇلارنىڭ تارقاپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

17 شاگىرتلار: - بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، - دېيىشتى.

18 - ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

19 ئۇ خالايىقنى چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى.

20 ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى.

21 تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بەش مىڭچە كىشى ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى

22 بۇنىڭ كەينىدىنلا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆزىدىن ئاۋۋال ئۆتۈشىنى بۇيرۇدى. بۇ ئارىدا ئۆزى خالايىقنى تارقىتىۋەتتى.

23 ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەنھا تاغقا چىقتى، كەچتىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى.

24 بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلى ئۇزاقتا دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تەستە ئىلگىرىلەۋاتاتتى، چۈنكى قارشى تەرەپتىن شامال چىقىۋاتاتتى.

25 تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى.

26 شاگىرتلار ئۇنىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەھىمىگە چۈشتى. - ئۇ بىر ئالۋاستى! - دېيىشىپ، قورقۇپ چۇقان سېلىشىپ كەتتى.

27 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: - خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! - دېدى.

28 پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن: - ئى رەببىم، ئەگەر بۇ سىز بولسىڭىز، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭىزغا بېرىشىمغا ئەمر قىلىڭ، - دېدى.

29 - كەل، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە ھەزرىتى ئەيساغا قاراپ ماڭدى.

30 لېكىن، قاتتىق چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلىغاندا: - رەببىم، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسىز! - دەپ ۋارقىرىدى.

31 ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: - ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ - دېدى.

32 ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى.

33 شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلىپ: - سىز ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسىز، - دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ گىنەساردا بىمارلارنى ساقايتىشى

34 ئۇلار كۆلنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىنەسار دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقتى.

35 ئۇ يەرنىڭ خەلقى ھەزرىتى ئەيسانى تونۇپ، ئەتراپتىكى جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى. كىشىلەر بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ،

36 ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan