مالاكى 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈم كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشى 1 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ. 2 ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر. 3 مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە، سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى ئايىغىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 4 مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار. 5 بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. 6 ئۇ ئاتىلارنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتىلىرىغا چىن يۈرەكلىرىدىن ياراشتۇرىدۇ. شۇنداق بولمىسا، مەن بۇ زېمىنغا لەنەت ياغدۇرىمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti