لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى ئەۋەتىشى 1 ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ھەرقانداق جىننى ھەيدەش، كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتى ۋە ھوقۇقىنى بەردى. 2 ئاندىن، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. 3 ئۇ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر سەپەردە ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار، ھەتتا بىرەر ئارتۇق كۆڭلەكمۇ ئېلىۋالماڭلار. 4 بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار. 5 ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! - دېدى. 6 شاگىرتلار يولغا چىقىپ، ھەممە يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ، كېسەللەرنى ساقايتتى. 7 جەلىلىيىدىكى ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، گاڭگىراپ قالدى. چۈنكى، بەزىلەر: «بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى يەھيا پەيغەمبەر ئىكەن. ئۇ تىرىلىپتۇ!» دېسە، 8 يەنە بەزىلەر: «بۇرۇن ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتقان ئىلياس پەيغەمبەر ياكى باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى. 9 «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى زادى كىمدۇ؟» دېدى ھىرود خان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ يولىنى ئىزدىدى. بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇش 10 ئون ئىككى شاگىرت قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا باشقىلارغا ئۇقتۇرماي، ئۇلارنى بەيتسايدا دېگەن يېزىغا ئېلىپ ماڭدى. 11 بىراق، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خالايىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر ئىشلارنى چۈشەندۈردى ۋە كېسىلى بارلارنى ساقايتتى. 12 كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا، ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ تاماق يېسۇن ۋە قونغۇدەك جاي تاپسۇن. چۈنكى، بۇ خىلۋەت جاي ئىكەن، - دېدى. 13 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، - دېدى. - بىزدە پەقەتلا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىق بار. تاماق سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بېرىڭلار، دېمەكچىمۇسىز؟ - دېيىشتى ئۇلار ھەيران بولۇپ. 14 چۈنكى، شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى تەخمىنەن بەش مىڭچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - خالايىق ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈنۈپ ئولتۇرسۇن، - دېدى. 15 شاگىرتلار كۆپچىلىكنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە ئولتۇرغۇزدى. 16 ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. 17 ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان بىلەن بېلىقنىڭ پارچىلىرىنى يىغىۋىدى، ئون ئىككى سېۋەت چىقتى. پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ دەپ تونۇشى 18 بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يې نىدا شاگىرتلىرىلا بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - خالايىق مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ - دەپ سورىدى. 19 - بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا دەيدۇ، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر دەيدۇ، ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى شاگىرتلار. 20 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم، دەپ بىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - سىز خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس. 21 - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، - دەپ بۇيرۇدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا، 22 - چۈنكى ئىنسانئوغلى نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى كېرەك. ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى رەت قىلىپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. لېكىن، ئۇنى ئۆلتۈرسىمۇ، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ. 23 ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ھەر كۈنى ماڭا ئەگەشسۇن. 24 چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ. 25 بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 26 ئەگەر كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ، ئاتامنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن. 27 بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ. ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغا چۆمۈشى 28 تەخمىنەن سەككىز كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. 29 ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزى ئۆزگەردى. كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ، چاقماقتەك چاقنىدى. 30 توساتتىن، مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەر پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى. 31 ئۇلار خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە ئايان بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا يېرۇسالېمدا قۇربان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. 32 پېترۇس ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۇيقۇ باسقانىدى. ئۇلار ئۇخلاپ ئويغانغاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرنى كۆردى. 33 بۇ ئىككى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسادىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى. 34 پېترۇس گەپ قىلىۋاتقاندا، بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. شاگىرتلار بۇلۇت ئىچىدە قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى. 35 تۇيۇقسىز بۇلۇتتىن خۇدانىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ: - بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! - دېدى. 36 ئاۋاز توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزى يالغۇز قالغانلىقىنى كۆردى. شاگىرتلار بۇ ئىشنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھېچكىمگە تىنمىدى. جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ساقايتىلىشى 37 ئەتىسى، ھەزرىتى ئەيسا ئۈچ شاگىرتى بىلەن بىللە تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقتى. 38 توپنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن تۇيۇقسىز ۋارقىراپ: - ئۇستاز، ئوغلۇمغا كۆڭۈل بۆلگەيسىز، ئۇ بىرلا بالا ئىدى! 39 ئۇنىڭغا دائىم بىر جىن چاپلىشىۋېلىپ، ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدۇ. بەزىدە پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ قېلىپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كېلىدۇ. جىن ئۇنى دائىم قىيناپ ئارام بەرمەيدۇ. 40 شاگىرتلىرىڭىزدىن بۇ جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈپ سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، - دېدى. 41 - ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنىڭ يەنىلا ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن، ھېلىقى كىشىگە: - بالاڭنى ئېلىپ كەل، - دېدى. 42 بالا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا جىننى ھەيدىۋېتىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 43 كۆپچىلىك خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەيران بولۇشتى. كۆپچىلىك ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىغا ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىن ئېيتىشى 44 - ئاڭلاپ قويۇڭلار، بىرسىنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن، ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، - دېدى. 45 بىراق، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدى. چۈنكى، بۇنىڭ مەنىسى قەستەن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆزنىڭ تېگىنى سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. خۇدانىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ 46 شاگىرتلار زادى كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتاتتى. 47 ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا كىچىك بىر بالىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ، 48 شاگىرتلارغا: - كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قارشى ئالسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قارشى ئالغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ، - دېدى. قارشى تۇرماسلىق قوللىغانلىقتۇر 49 يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنى توستۇق، - دېدى. 50 - ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى، سىلەرگە قارشى تۇرمىغانلار سىلەرنى قوللىغانلاردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. ھەزرىتى ئەيسانى قارشى ئالمىغان يېزا 51 ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئاندىن تىرىلىپ، ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنگە ئاز قالغاندا، يېرۇسالېمغا بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدى. 52 بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئالدىن ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى. 53 بىراق، سامارىيىلىكلەر ھەزرىتى ئەيسانى «يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارىدىكەن» دەپ، قارشى ئالمىدى. 54 ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: - ئى رەببىم، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت ياغدۇرۇشنى ئۆتۈنسەك قانداق دەيسىز؟ - دېدى. 55 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 56 ئاندىن، ئۇلار باشقا بىر يېزىغا كەتتى. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ بەدەللىرى 57 ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، - دېدى. 58 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى ئۇنىڭغا. 59 ئۇ يەنە باشقا بىر كىشىگە: - ماڭا ئەگەشكىن! - دېدى. بىراق، ھېلىقى كىشى باھانە كۆرسىتىپ: - ئۇستاز، ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن سىزگە ئەگىشەيچۇ! - دېدى. 60 - ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن! سەن بولساڭ بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقات، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. 61 يەنە بىرسى: - ئەي ئۇستاز، مەن سىزگە ئەگەشمەكچىمەن. بىراق، ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ كېلەي، - دېدى. 62 - قوش ھەيدەۋېتىپ، توختىماي كەينىگە قارايدىغان ئادەمدەك، بۇرۇنقى ھاياتىڭلاردىن مېھرىڭلارنى ئۈزەلمىسەڭلار، خۇداغا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولمايسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti