Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار

1 ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. ئون ئىككى شاگىرتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى.

2 بۇلاردىن باشقا، يەنە جىن ۋە كېسەللىك ئازابلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەجدەللىك مەريەم،

3 ھىرود خاننىڭ ساراي ئەمەلدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزانا ۋە باشقا بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ياردەمدە بولدى.


ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىل

4 خالايىق ھەرقايسى يۇرتلاردىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى نۇرغۇن ئادەم يىغىلغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تۆۋەندىكى تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

5 - بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قاپتۇ ۋە قۇشلارغا يەم بوپتۇ.

6 بەزىلىرى ئاستى تاشلىق تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئەمما، يەردىكى نەملىك يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن قۇرۇپ كېتىپتۇ.

7 بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ. مايسىلار تىكەنلەر بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈپتۇ. بىراق، نەتىجىدە تىكەنلەر مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ.

8 بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپ، ئوبدان ئۆسۈپ، يۈز ھەسسىلەپ ھوسۇل بېرىپتۇ. ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە: - بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! - دېدى.

9 كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى.

10 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. بىراق، باشقىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەنلا چۈشەندۈرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دېگىنىدەك بولدى: «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ.»

11 بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: - ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر.

12 چىغىر يولدىكى تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ.

13 تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار بۇنىڭغا بىر مەھەل ئىشەنگەن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

14 تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشە، بايلىق ۋە ھالاۋەتلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ.

15 مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.


خۇدانىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانماقتا

16 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - چىراغنى يېقىپ، ئۇنى بىرەر نەرسە بىلەن يېپىپ قويىدىغان ياكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدىغان كىشى يوق، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى جەزمەن چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ.

17 چۈنكى، يېپىق قويۇلغان ھەرقانداق نەرسە ئاشكارا بولماي قالمايدۇ. يوشۇرۇلغان ھەرقانداق نەرسە بىلىنمەي قالمايدۇ.

18 شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۆزىدە بار دەپ قارالغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى

19 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن، ئادەم كۆپ بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى.

20 بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، - دېدى.

21 - خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئىنىلىرىمدۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى

22 بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا: - كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يولغا چىقتى.

23 كېمە كېتىۋاتقاندا ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاپ قالدى. ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە قالدى.

24 شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئويغىنىپ، بوران-چاپقۇنغا بۇيرۇق قىلغانىدى، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى. ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرىغا بۇرۇلۇپ:

25 - ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ - دېدى. شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىن چاپلاشقان ئادەمنى ساقايتىشى

26 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئۇ چېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرغان يەرگە باردى.

27 ھەزرىتى ئەيسا قىرغاققا چىقىشىغا، شەھەردىن كەلگەن جىن چاپلاشقان بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم ئۇزۇندىن بېرى كىيىم كىيمەي، ئۆيدە تۇرماي، گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەردە ياشايتتى.

28 ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى.

29 ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا جىنغا ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىشنى بۇيرۇغانىدى. جىن بۇ ئادەمنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. خەلق بۇ ئادەمنى كۆپ قېتىم زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنى ئۈزۈپ قېچىپ چىقىپ، جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ئېلىپ كېتىلەتتى.

30 ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن: - ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - ئىسمىم «مىڭلىغان»، - دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن. چۈنكى، بۇ ئادەمگە مىڭلىغان جىنلار چاپلىشىۋالغانىدى.

31 ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئۆزلىرىنى شەيتانغا تەييارلانغان تېگى يوق ھاڭلارغا سۈرگۈن قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.

32 شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىجازەت بەردى.

33 جىنلار ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ، توڭگۇزلارغا چاپلىشىۋالدى. پۈتۈن توڭگۇز پادىسى پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.

34 بۇ ھالنى كۆرگەن توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى.

35 ئۇ يەردىكى كىشىلەر زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى بۇ يەرگە كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى.

36 بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر ھېلىقى كىشىنىڭ ساقىيىش جەريانىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.

37 شۇ يەردىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشقانىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ، قايتىپ كەتمەكچى بولدى.

38 تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، - دەپ يالۋۇردى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

39 - ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، - دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتۈن شەھەرنى ئارىلاپ، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ھەممەيلەنگە يەتكۈزدى.


تىرىلدۈرۈلگەن قىز ۋە ساقايتىلغان ئايال

40 ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ بۇ قېتىغا قايتىپ كەلگىنىدە، خالايىق ئۇنى قارشى ئېلىشتى. چۈنكى، ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.

41 قارشى ئالغىلى چىققانلار ئىچىدە مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان يائىرمۇ بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ يالۋۇردى.

42 چۈنكى، ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىۋالدى.

43 توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئۇ بار پۇلىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى ساقايتالمىغانىكەن.

44 ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلاپ قويۇۋىدى، خۇن شۇئان توختىدى.

45 - پېشىمنى تۇتقان كىم؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. كۆپچىلىك: «تۇتمىدۇق» دېيىشتى. - ئۇستاز، تۆت ئەتراپىڭىزنىڭ ھەممىسى ئادەم، ئۇلار سىزنى قىستاپ تۇرۇۋاتمامدۇ؟ - دېدى پېترۇس.

46 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - ياق! بىرسى قەستەن پېشىمنى تۇتتى. چۈنكى، ۋۇجۇدۇمدىن كۈچ-قۇدرەتنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى سەزدىم، - دېدى.

47 ھېلىقى ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ سېزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېشىنى نېمىشقا تۇتقانلىقىنى ھەم شۇئان ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

48 - قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان بول، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

49 ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن بىرى ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا: - قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلمايلى، - دېدى.

50 بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا يائىرغا: - قورقمىغىن! ماڭا ئىشەنگىن! ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، - دېدى.

51 ھەزرىتى ئەيسا يائىرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

52 ئۇ يەردىكىلەر قىزغا ھازا تۇتۇپ يىغا-زار قىلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بولدى، يىغلىماڭلار! قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ! - دېدى.

53 بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. چۈنكى، قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار ئىدى.

54 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: - بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، - دەپ چاقىردى.

55 قىزنىڭ روھى تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى.

56 قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ھەيران قېلىشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan