لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھەزرىتى ئەيسانىڭ رىملىق يۈزبېشىنىڭ چاكىرىنى ساقايتىشى 1 ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتتى. 2 ئۇ يەردە رىملىق بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق چاكىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىدا تۇراتتى. 3 يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنىڭ بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ چاكىرىنى ساقايتىپ قويۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشىنى تاپشۇردى. 4 ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - يۈزبېشى ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم. 5 ئۆزى يەھۇدىي بولمىسىمۇ، بىز يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانىمۇ سېلىپ بەردى، - دەپ، ئۇنىڭ يۈزبېشىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى چىن كۆڭلىدىن تەلەپ قىلدى. 6 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. بىراق، ئۆيگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتتى. ئۇلار: - تەقسىر، يۈزبېشى: «ئاۋارە بولۇپ ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. 7 ھەتتا ئۆزۈممۇ بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە لايىق ئەمەسمەن. بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. 8 مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ» دەيدۇ، - دېدى. 9 يۈزبېشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ، بىللە كەلگەن خالايىققا: - دەرۋەقە، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى ھېچكىمدە كۆرمىگەنىدىم! - دېدى. 10 يۈزبېشى ئەۋەتكەن ھېلىقى كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، چاكارنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرۈش 11 ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا نائىن دېگەن شەھەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 12 ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە، جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىر توپ ئادەمگە يولۇقۇپ قالدى. ئۆلگۈچى بىر تۇل ئايالنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىقى تۇل ئايال بىلەن بىللە چىققانىدى. 13 بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا: - يىغلىماڭ، - دېدى. 14 ئاندىن، توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جىنازىغا قولىنى تەگكۈزگەنىدى، جىنازا كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - يىگىت، ئورنۇڭدىن تۇر، - دېيىشى بىلەنلا، 15 ئۆلۈپ قالغان يىگىت قوپۇپ، گەپ قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 16 قورقۇنچ باسقان كۆپچىلىك: - ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقتى! - خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى. 17 ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ ئىشى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىشى 18 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يەھياغا يەتكۈزدى. ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككى كىشىنى ئۆزى يېتىۋاتقان زىندانغا چاقىرىپ، 19 ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى. 20 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سىزدىن: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى، - دېدى. 21 دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئاغرىق-سىلاق تارتقان ۋە جىن چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتقان ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچقانىدى. 22 شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار. 23 يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، - دېدى. 24 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچىدىڭلار؟ مەيدانى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشتەك تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بىر ياخشىچاقنىمۇ؟ 25 ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ھەشەمەتلىك كىيىم كىيىۋالغان، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر چۆلدىن ئەمەس، بەلكى خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ. 26 ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا ھەرقانداق پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن پەيغەمبەردۇر. 27 چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ» دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. 28 بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغ كىشى يوق. ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. 29 بۇنى ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولى توغرا دېدى، چۈنكى ئۇلار بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغانىدى. 30 لېكىن، پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسىتىنى قايرىپ قويغانىدى. 31 شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ زاماننىڭ سىلەردەك كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟! 32 ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. 33 چۈنكى، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ روزا تۇتاتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ!» دېيىشتى. 34 ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن! ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. 35 بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت ئۇنى قوبۇل قىلغانلار ئارقىلىق تونۇلىدۇ. گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى 36 پەرىسىيلەردىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماققا ئولتۇردى. 37 ئۇ يەردە پاھىشە دەپ تونۇلغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ئەتىر ئېلىپ كەلدى 38 ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن يەردە تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن، ئۇ چاچلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. 39 ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرغان پەرىسىي بۇنى كۆرۈپ، ئىچىدە «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە قولىنى تەگكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى!» دەپ ئويلىدى. 40 بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - شىمون، ساڭا ئېيتىدىغان بىر گېپىم بار، - دېدى. - ئېيتىڭ ئۇستاز، - دېدى شىمون. 41 - ئىككى ئادەم بىر كىشىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش تەڭگىگە، يەنە بىرى بولسا، ئەللىك كۈمۈش تەڭگىگە قەرزدار ئىكەن. 42 ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. شۇڭا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى قەرز ئىگىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. 43 - مېنىڭچە، كۆپرەك كەڭچىلىككە ئېرىشكىنى، - دەپ جاۋاب بەردى شىمون. - توغرا ئېيتتىڭ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 44 ئاندىن، ئۇ ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ، شىمونغا: - بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۆيۈڭگە كەلگىنىمدە، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى، چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. 45 سەن مېنى ھال-ئەھۋال سوراپ، سۆيۈپ كۈتۈۋالمىغانىدىڭ. لېكىن، ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈۋاتىدۇ. 46 سەن مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان ياغنى بېشىمغىمۇ سۈركىمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ مېنى ھۆرمەتلەپ، پۇتلىرىمغا ئەتىر سۈركەپ قويدى. 47 قىسقىسى ساڭا ئېيتايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىندى. شۇڭا، ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر. لېكىن، ئاز كەچۈرۈم قىلىنغاننىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمۇ ئاز، - دېدى. 48 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئايالغا: - گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، - دېدى. 49 ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلار: «ھەتتا كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلىدىغان بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى. 50 ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: - ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بول! - دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti