Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدىكى مەسىلە

1 بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يېدى.

2 بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر: - سىلەر نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر، - دېيىشتى.

3 ھەزرىتى ئەيسا: - پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار!

4 ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، - دەپ جاۋاب بەردى

5 ۋە خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇلارغا: - مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇرمەن، - دېدى.

6 يەنە بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئىبادەتخانىدا ئوڭ قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.

7 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ يۈرگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.

8 بىراق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئالدىمغا كەل! - دېۋىدى، ھېلىقى كېسەل ئورنىدىن تۇردى.

9 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە: - سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ - دېدى ۋە

10 كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات، - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.

11 ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى تاللىشى

12 بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.

13 تاڭ ئاتقاندا، شاگىرتلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچى دەپ ئاتىدى.

14 ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي،

15 مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن،

16 باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىم بېرىشى ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشى

17 ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، تۈز بىر يەردە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شاگىرتلار ھەمدە يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىپ يىغىلىشتى. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەلگەنىدى.

18 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. جىنلار دەستىدىن ئازابلانغانلارمۇ كېلىپ، شىپالىق تېپىشتى.

19 كۆپچىلىك قوللىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا تەگكۈزۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇدرەت چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتىۋاتاتتى.


خۇشاللىق ۋە قايغۇ

20 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: - ئەي يوقسۇللار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.

21 ئەي ئاچ قالغانلار، سىلەرمۇ نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا سىلەرنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ. ئەي يىغلاۋاتقانلار، سىلەرمۇ بەختلىك! بۇنىڭدىن كېيىن، شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر.

22 ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!

23 ئۇ چاغدا، شاد-خۇرام بولۇپ تەنتەنە قىلىڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان.

24 لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! راھەت-پاراغەت سىلەرگە يار بولماس ئەمدى.

25 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى توقلار! ئاچلىقتا قالىسىلەر ئەمدى. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر ئەمدى.

26 خالايىق سىلەرنى ماختىغاندا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.


دۈشمىنىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار

27 - قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.

28 سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار.

29 بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېلىپ كەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار.

30 بىرسى سىلەردىن بىرنېمە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىماڭلار.

31 باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.

32 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ.

33 ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!

34 ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ!

35 ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ.

36 ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.


باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار

37 - باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

38 باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.

39 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل ئارقىلىق تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: - قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلەپ ماڭالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

40 شاگىرت ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇپ يېتىشكەندىن كېيىن ئۇستازىغا ئوخشاش بولالايدۇ.

41 نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟!

42 ئۆزۈڭدىكى شۇنچە چوڭ گۇناھنى كۆرمەي تۇرۇپ، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېيىشىڭ قانداق گەپ؟ ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن.


ئىككى خىل مېۋە دەرىخى

43 - ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ.

44 ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. تىكەندىن ئەنجۈر، يانتاقتىن ئۈزۈم ئالغىلى بولمايدۇ.

45 شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.


ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر

46 - سىلەر ئەجەب مېنى «رەببىم! رەببىم!» دەيسىلەريۇ، بۇيرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر.

47 ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار كىمگە ئوخشايدۇ؟

48 ئۇلار خۇددى ئۇلىنى چوڭقۇر قېزىپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، ئۇنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئۇنداق ئىمارەتنى قىمىر قىلغۇزالمايدۇ، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان.

49 لېكىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغانلار ئۇل قۇرماي قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىمارەت كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھامان ئۆرۈلۈپ، پۈتۈنلەي گۇمران بولىدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan