Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇنجى قېتىم شاگىرت چاقىرىشى

1 بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا گىنەسار كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولاشتى.

2 ھەزرىتى ئەيسا كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى.

3 ھەزرىتى ئەيسا بېلىقچى سىمۇننىڭ كېمىسىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن، ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ خالايىققا تەلىم بەردى.

4 تەلىم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سىمۇنغا: - كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، تورلىرىڭلارنى سېلىپ، بېلىقىڭلارنى تۇتۇڭلار، - دېدى.

5 - ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، - دېدى سىمۇن، - بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى.

6 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تورلىرىنى كۆلگە سېلىۋىدى، بېلىقلار تورغا پاتماي قېلىپ، تورلار يىرتىلىشقا باشلىدى.

7 ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر بېلىقنىڭ جىقلىقىدىن چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى.

8 بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى.

9 چۈنكى، سىمۇن ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بۇنچىۋالا كۆپ بېلىق تۇتقانلىقىدىن ھەيران بولغانىدى.

10 باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرى - زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەيران بولدى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇنغا: - قورقما، بۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىسەن، - دېدى.

11 ئۇلار كېمىنى قىرغاققا توختىتىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى

12 بىر قېتىم، ھەزرىتى ئەيسا مەلۇم بىر شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەن بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دەپ يالۋۇردى.

13 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن! - دېۋىدى، بۇ ئادە منىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.

14 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما. لېكىن، ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دەپ تاپىلىدى.

15 گەرچە ھەزرىتى ئەيسا: «بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما» دېگەن بولسىمۇ، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ پۇر كەتتى. نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز كېسەللىرىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەتتى.

16 ھەزرىتى ئەيسا بولسا پات-پات تىنچ يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى

17 بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى.

18 شۇ ئەسنادا، بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە تىرىشتى،

19 بىراق، ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى.

20 ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: - دوستۇم، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! - دېدى.

21 ھېلىقى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر بىر-بىرىگە: - قورقماستىن بۇنداق كۇپۇر سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ! - دېيىشتى.

22 ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟

23-24 «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە ھەم گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەم كېسەللەرنى ساقايتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، - دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! - دەپ بۇيرۇدى.

25 ھېلىقى ئادەم دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى مەدھىيىلىگىنىچە ئۆيىگە قايتتى.

26 بۇنىڭغا ھەيران بولغان كۆپچىلىكمۇ خۇدانى مەدھىيىلەشتى ۋە ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا: - بۈگۈن بىز ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى كۆردۇق! - دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ لاۋىينى چاقىرىشى

27 بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! - دېدى.

28 لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشتى.

29 شۇ كۈنى، لاۋىي ئۆيىدە ھەزرىتى ئەيساغا كاتتا زىياپەت بەردى. تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى.

30 كېيىن، بەزى پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى رەنجىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەرنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىڭلار قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.

31 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر.

32 مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم، - دەپ جاۋاب بەردى.


روزا تۇتۇش مەسىلىسى

33 بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى پات-پات روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىدۇ. پەرىسىيلەرنىڭ شاگىرتلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز ئەجەب يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! - دېيىشتى.

34 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھەسرەت چېكىۋاتقان ئادەملەردەك روزا تۇتسا قانداق بولغىنى؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ!

35 ئەمما، يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ، - دېدى.


كونىغا ئېسىلىۋېلىش

36 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىل كەلتۈردى: - ھېچكىم يېڭى كۆڭلىكىنى يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلىكىگە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكمۇ يىرتىلىدۇ، يىرتىۋېلىنغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ياراشمايدۇ.

37 شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. دېمەك، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ.

38 شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك.

39 ئۇنىڭ ئۈستىگە، كونا شاراب ئىچىپ يۈرگەن ھەرقانداق ئادەم يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ. «بولدى، كونىسى ياخشى ئىكەن!» دەيدۇ.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan