Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ سىنىلىشى

1 ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى.

2 ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە قىرىق كۈن شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھېچ نەرسە يېمىدى. بۇ ۋاقىت توشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى.

3 بۇنى بىلگەن شەيتان ئۇنىڭغا: - ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! - دېدى.

4 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: - تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ» دەپ يېزىلغان، - دېدى.

5 شەيتان يەنە ئۇنى ئېگىز جايغا چىقىرىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىپ:

6-7 - ئەگەر ماڭا سەجدە قىلساڭ، مانا بۇ دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە شان-شەۋكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تاپشۇرۇلدى. مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن، - دېدى.

8 ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: - تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن.

9 ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ، مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ يەردىن سەكرەپ باققىنا!

10 چۈنكى، تەۋراتتا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش توغرۇلۇق ئەمر قىلغان،

11 پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟

12 - تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

13 شەيتان ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ ئازدۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.


ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە

14 ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمگەن ھالدا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى.

15 ئۇ ئىبادەتخانىلاردا كىشىلەرگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

16 ئۇ ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە كېلىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئادەتتىكىدەك ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇماقچى بولغاندا،

17 ئىبادەتخانا خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى بەردى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ، مۇنۇ ئايەتلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:

18-19 «خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ˜ئازاد بولىسىلەر!Œ، قارىغۇلارغا: ˜كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!Œ دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى. خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»

20 ھەزرىتى ئەيسا يازمىنى يېپىپ ئىبادەتخانا خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەلىم بەرگىلى ئولتۇردى. پۈتۈن ئىبادەتخانىدىكىلەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇشتى.

21 ئۇ كۆپچىلىككە: - سىلەر ئاڭلىغان بۇ ئايەت بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، - دېدى.

22 بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر: - قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.

23 ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: - سىلەر چوقۇم ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ، «كەپەرناھۇم شەھىرىدە ياراتقان مۆجىزىلىرىڭدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ بىرەر كارامەت كۆرسەتمەمسەن؟» دېمەكچى بولۇۋاتىسىلەر.

24 بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھەرگىز قارشى ئېلىنمايدۇ.

25 ئىلياس پەيغەمبەر ۋاقتىدا، ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي يامغۇر ياغماي، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان نۇرغۇن بىچارە تۇل ئاياللار بار ئىدى.

26 بىراق، ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، گەرچە ئىلياس پەيغەمبەر يەھۇدىي بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلمىگەن. ئەكسىچە، سىدون ۋىلايىتىنىڭ سەرەپەت شەھىرىدىكى يەھۇدىي بولمىغان ھېلىقى تۇل ئايالغىلا مۆجىزە كۆرسىتىشكە ئەۋەتىلگەن.

27 يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەر زامانىدا، ئىسرائىلىيىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، ئېلىشا پەيغەمبەر ھېلىقى سۇرىيىلىك نامان ئىسىملىك يەھۇدىي بولمىغان كىشىنىلا ساقايتىشقا ئەۋەتىلگەن! - دېدى.

28 ئىبادەتخانىدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ «خۇدا ئەمدى سىلەرگە ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!» دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى.

29 ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى يار ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ، ياردىن يىقىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.

30 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەر ئارىسىدىن بىمالال مېڭىپ چىقىپ كەتتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىنلارنى ھەيدىۋېتىشى

31 ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتىپ باردى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلققە تەلىم بېرىپ تۇردى.

32 ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغانلار ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى.

33 ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جىنلار:

34 - ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! - دەپ توۋلاپ كەتتى.

35 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىنغا بۇيرۇق قىلىپ: - ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! - دېدى. جىن ھېلىقى ئادەمنى كىشىلەر ئالدىدىلا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنى ھېچنېمە قىلماي تېنىدىن چىقىپ كەتتى.

36 بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - ئۇنىڭ سۆزلىرى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش نوپۇزى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەن! جىنلار راستتىنلا چىقىپ كەتتى، - دېيىشتى.

37 شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى

38 ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ سىمۇننىڭ ئۆيىگە بارغاندا، سىمۇننىڭ قېينانىسى كېسەل بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن ئۇنى ساقايتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى.

39 ھەزرىتى ئەيسا كېسەل ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يېنىشىنى بۇيرۇدى. قىزىتما شۇ ئان يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

40 كۈن پېتىش ۋاقتىدا، كىشىلەر ھەر خىل كېسەللەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قولىنى بىر-بىرلەپ تەگكۈزۈپ قويغانىدى، ئۇلار ساقىيىپ كەتتى.

41 كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.

42 تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن چىقىپ، تىنچ بىر جايغا كەتتى. كۆپچىلىك ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىر تاپتى ۋە ئۇنى كەتكۈزمەي ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرغۇزماقچى بولۇشتى.

43 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىم كېرەك. چۈنكى، خۇدا مېنى بۇ خىزمەت بىلەن ئەۋەتكەن، - دېدى.

44 شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan