لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيەھيا پەيغەمبەرنىڭ تەلىم بېرىشى 1-2 رىم ئىمپېراتورى تىبېرىيۇسنىڭ 15~-~يىلى، خۇدادىن چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا ۋەھىي كەلدى. شۇ چاغدا، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە پونتىي پىلاتۇس ۋالىي ئىدى. ھىرود خان جەلىلىيە ئۆلكىسىدە، ھىرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىلىرىدە، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتاتتى. ھانناندىن كېيىن قاياپا باش روھانىيلىق قىلىۋاتاتتى. 3 خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي بويىچە، يەھيا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنى كېزىپ يۈرۈپ: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! - دەپ جاكارلىدى. 4 بۇ ھەقتە يەشايا پەيغەمبەر مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دەپ يازغانىدى: «باياۋاندا بىر كىشى: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! 5 جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ، چوڭ-كىچىك تاغلار پەسلىتىلىدۇ، ئەگرى يوللار تۈزلىنىدۇ، ئېگىز-پەس يوللار تەكشىلىنىدۇ. 6 شۇنداق قىلىپ، پۈتۈن ئىنسان خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش يولىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!Œ دەپ توۋلايدۇ.» 7 خالايىق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن. توپ-توپ بولۇپ كېلىشتى. بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! 8 ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزۈڭلارچە «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 9 پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ، - دېدى. 10 كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن: - ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سورىدى. 11 - ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر. 12 خەلقنى گوللايدىغان بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ - دەپ سورىدى. 13 - بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، - دېدى يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا. 14 بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: - بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، - دېدى. 15 خەلق قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. ھەممەيلەن يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرۈپ، ئىچىدە «قۇتقۇزغۇچى مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. 16 شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 17 ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش ھەممە ئىنساننى ئايرىپ چىقىدۇ، - دېدى. 18 يەھيا پەيغەمبەر ھەر خىل يوللار بىلەن خەلققە نەسىھەت قىلدى ۋە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. 19 ئۇنىڭدىن باشقا، يەھيا پەيغەمبەر ھىرود خاننى ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى. 20 نەتىجىدە، ھىرود خان تېخىمۇ يامان ئىشتىن بىرنى قىلدى، يەنى يەھيا پەيغەمبەرنى زىندانغا تاشلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى 21 يەھيا پەيغەمبەر زىندانغا تاشلىنىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانىدى. شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمان يېرىلدى. 22 مۇقەددەس روھ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ نەسەبنامىسى 23 ھەزرىتى ئەيسا خۇدا يولىدا خىزمەت قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقىتتا، ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈپ ئېلىينىڭ ئوغلى، 24 ئېلىي مەتتاتنىڭ ئوغلى، مەتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، 25 يۈسۈپ ماتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناغاينىڭ ئوغلى، 26 ناغاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتاتىيا شىمىينىڭ ئوغلى، شىمىي يوسېخنىڭ ئوغلى، يوسېخ يۇدانىڭ ئوغلى، 27 يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زېرۇبابىلنىڭ ئوغلى، زېرۇبابىل شالتىيەلنىڭ ئوغلى، شالتىيەل نەرىينىڭ ئوغلى، 28 نەرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئادىنىڭ ئوغلى، ئادى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، 29 ئېر يەشۇنىڭ ئوغلى، يەشۇ ئېلىيەزەرنىڭ ئوغلى، ئېلىيەزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم مەتتاتنىڭ ئوغلى، مەتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، 30 لاۋىي شىموننىڭ ئوغلى، شىمون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يونامنىڭ ئوغلى، يونام ئەلياقىمنىڭ ئوغلى، 31 ئەلياقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتاتانىڭ ئوغلى، ماتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، 32 داۋۇت يىشاينىڭ ئوغلى، يىشاي ئوبىدنىڭ ئوغلى، ئوبىد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، 33 ئاممىناداب رامنىڭ ئوغلى، رام ھېسروننىڭ ئوغلى، ھېسرون پارەسنىڭ ئوغلى، پارەس يەھۇدانىڭ ئوغلى، 34 يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، 35 ناھور سېرۇخنىڭ ئوغلى، سېرۇخ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئەبەرنىڭ ئوغلى، ئەبەر شالاھنىڭ ئوغلى، 36 شالاھ قېناننىڭ ئوغلى، قېنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد سامنىڭ ئوغلى، سام نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لامىكنىڭ ئوغلى، 37 لامىك مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانۇخنىڭ ئوغلى، ھانۇخ يارېتنىڭ ئوغلى، يارېت ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى، 38 قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش شىتنىڭ ئوغلى، شىت ئادەم~ئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەم~ئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti