Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى

1 يەكشەنبە كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قەبرىسىگە باردى.

2 ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.

3 قەبرىگە كىرىپ قارىسا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى!

4 ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرغىنىدا، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى كىشى پەيدا بولدى.

5 ئاياللار ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، باشلىرىنى يەرگە ئېگىشتى. ئۇ پەرىشتىلەر ئاياللارغا: - سىلەر نېمە ئۈچۈن تىرىك ئادەمنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟

6 ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، ئۇ تىرىلدى. ئۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، سىلەرگە نېمە دېگەنلىكىنى ئەسلەپ بېقىڭلار.

7 ئۇ: «ئىنسانئوغلى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، كرېستكىمۇ مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىراق، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟! - دېدى.

8 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ راست شۇنداق دېگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىشىپ،

9 قەبرە يېنىدىن قايتىشتى. ئۇلار كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئون بىر ئەلچى ۋە باشقا شاگىرتلارغا يەتكۈزدى.

10 بۇ ئىشلارنى ئەلچىلەرگە يەتكۈزگۈچى ئاياللار - مەجدەللىك مەريەم، يوئاننا، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە باشقا ئاياللار ئىدى.

11 لېكىن، ئەلچىلەر بۇ ئاياللارنىڭ ئېيتقانلىرىنى قۇرۇق گەپ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى.

12 بىراق، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، مازارغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قەبرىنىڭ ئىچىگە قارىغىنىدا، ھېلىقى كەندىر كېپەندىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرمىدى. ئۇمۇ بۇ ئىشلارغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قايتىپ كەتتى.


ئېمايۇس يېزىسىغا بارىدىغان يولدا

13 شۇ كۈنى، شاگىرتلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن يېزىغا باردى.

14 ئۇلار يول بويى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

15 دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى.

16 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن بولسىمۇ، قانداقتۇر ئۇنى تونۇشقا قۇربى يەتمىدى.

17 - نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ كېتىۋاتىسىلەر؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن. ئۇلار قايغۇلۇق ھالدا قەدىمىنى توختاتتى.

18 ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - سەنزە، يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قىلچە خەۋىرىڭ يوقمۇ نېمە؟ - دەپ سورىدى.

19 - نېمە ۋەقە ئىكەن؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ۋەقەسىچۇ! - دېدى ئۇلار، - ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچى بار بىر پەيغەمبەر ئىدى.

20 ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللىرىمىز ئۇنى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇپ، كرېستكە مىخلاتتى.

21 بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىللارغا ئازادلىق ئېلىپ كېلىدىغان كىشى دەپ، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلگەنىدۇق. بىراق، بۇنداق بولماي، ھازىر ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۈچ كۈن بولدى.

22 لېكىن قىزىق يېرى شۇكى، بۈگۈن ئەتىگەندە ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال بىزنى ئالاقزادە قىلىپ، بىزگە مۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى: ئۇلار سەھەردە قەبرىگە بېرىپ قارىسا،

23 ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى كۆرۈنمەپتۇ! پەرىشتىلەر ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.

24 بۇنىڭ بىلەن، بىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنىڭ دەرۋەقە يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدى.

25 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەي نادانلار! پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە نېمانچە تەستە ئىشىنىسىلەر؟

26 قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن، مانا شۇ جەبىر-جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرۈشى كېرەك ئەمەسمىدى؟

27 ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

28 ئۇلار بارىدىغان يېزىسىغا يېقىنلاشقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغاندەك تۇراتتى.

29 ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: - كۈن ئولتۇردى. ھېلى قاراڭغۇ چۈشىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قېلىڭ، - دەپ ئۆتۈندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن قونماقچى بولۇپ ئۆيگە كىردى.

30 ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى.

31 شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلغاندەك بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى تونۇدى، لېكىن ئۇ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولدى.

32 ئۇلار بىر-بىرىگە: - ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشەندۈرگەندە، قەلبىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! - دېيىشتى.

33-34 ئۇلار دەرھال يولغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇ يەردە باشقا ئەلچىلەر ۋە شاگىرتلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ: «رەببىمىز راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمۇنغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

35 شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ناننى ئوشتۇۋاتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى قانداق تونۇپ قالغانلىقىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى

36 شاگىرتلار بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ: - سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، - دېدى.

37 ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە دەپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى.

38 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمىگە شۇنچە قورقۇشۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىدىن گۇمانلىنىسىلەر؟

39 قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى يوق. قاراڭلار، مېنىڭ بار، - دېدى.

40 ھەزرىتى ئەيسا شۇنداق دېگەچ پۇت-قولىنى كۆرسەتتى.

41 ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەي، بىر خۇش بولسا، بىر ھەيران بولۇشۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەردە يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.

42 ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپىنى سۇنۇۋىدى،

43 ھەزرىتى ئەيسا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى.

44 ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟

45 شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ،

46 مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق خاتىرىلەنگەن: قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئازاب چېكىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ.

47 «گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ.

48 سىلەر ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولىسىلەر.

49 ئاتام بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن. بىراق، سىلەر ئەرشتىن كەلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تولدۇرۇلغۇچە، يېرۇسالېمدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى

50 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى.

51 ئۇ بەخت تىلەۋېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.

52 شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا ئىبادەت قىلىشتى ۋە ئىنتايىن خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ،

53 ھەمىشە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ تۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan