Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى

1 كېڭەشمە ھەيئەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى.

2 ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: - بىز بۇ ئادەمنىڭ يەھۇدىي خەلقىنى ئازدۇرۇپ، رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرماسلىققا قۇتراتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى يەھۇدىيلارنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھى، يەنى پادىشاھى دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى كۆردۇق، - دېيىشتى.

3 - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسادىن. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

4 ئاندىن، پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار بىلەن كۆپچىلىككە: - بۇ ئادەمدىن بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم، - دېدى.

5 لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي تۈردە: - ئۇ ئۆز تەلىملىرى بىلەن پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنىدىكى ئاممىنى قۇترىتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ تاكى بۇ يەرگىچە كەلدى، - دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا ھىرود خاننىڭ ئالدىدا

6 بۇنى ئاڭلىغان پىلاتۇس: - بۇ ئادەم جەلىلىيىلىكمۇ؟ - دەپ سورىدى.

7 ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھىرود خاننىڭ قول ئاستىدىكى ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھىرودقا يوللاپ بەردى. (ئۇ چاغدا ھىرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى.)

8 ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى، ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ھەزرىتى ئەيساغا دائىر ئىشلارنى ئاڭلاپ، «مېنىڭ ئالدىمدىمۇ بىرەر مۆجىزە كۆرسىتىپ باقسۇن!» دەپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ يۈرەتتى.

9 شۇڭا، ئۇ ھەزرىتى ئەيسادىن بىرمۇنچە سوئاللارنى سورىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.

10 ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى.

11 ھىرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پادىشاھلارچە ھەشەمەتلىك تون كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.

12 مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس دوست بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇلار بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى

13 ۋالىي پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنى، يەھۇدىي ئاقساقاللارنى ۋە جامائەتنى يىغىپ،

14 ئۇلارغا: - سىلەر بۇ ئادەمنى ئالدىمغا ھەيدەپ كەلدىڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىدىن خەلقنى ئازدۇرۇپ قۇتراتتى، دەپ شىكايەت قىلدىڭلار. بىراق، مەن ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا سوراق قىلىپ، سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم.

15 ھىرود خانمۇ ئۇنىڭدىن گۇناھ تاپالماي، ماڭا قايتۇرۇۋېتىپتۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن.

16 ئەمدى، مەن ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، - دېدى.

17 ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى: ئۇ ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يەھۇدىي جىنايەتچىلىرىدىن بىرىنى قويۇپ بېرەتتى.

18 بىراق، كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن چۇقان سېلىشىپ: - ئۇنى ئۆلتۈرۈڭ! بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! - دېيىشتى.

19 (بارابباس يېرۇسالېمدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، زىندانغا تاشلانغان بىر جىنايەتچى ئىدى.)

20 پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇپ بەرمەكچى بولۇپ، كۆپچىلىككە قايتا نەسىھەت قىلدى.

21 لېكىن، ئۇلار ھە دەپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ، كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى.

22 پىلاتۇس ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: - نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزدى؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق جىنايەت تاپالمىدىم. ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، - دېدى.

23 بىراق، كۆپچىلىك داۋاملىق چۇقان سېلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئېسىپ ئۆلتۈرسۇن دەپ، چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر غەلىبە قىلدى.

24 پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈم چىقاردى.

25 توپىلاڭ كۆتۈرۈپ زىندانغا تاشلانغان ھېلىقى قاتىلنى قويۇپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن لەشكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشى

26 لەشكەرلەر كرېستنى كۆتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا يېزىدىن كېلىۋاتقان كىرىنى شەھىرىلىك سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچراتتى. ئۇلار بۇ كىشىنى تۇتۇۋېلىپ كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ھەيدەپ ماڭدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ھالسىراپ كەتكەنىدى.

27 نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيساغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ ماڭغان ئاياللارمۇ بار ئىدى.

28 ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەي يېرۇسالېم ئاياللىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار. ئۆزۈڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار!

29 چۈنكى، سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «پەرزەنت كۆرمىگەن، ھامىلىدار بولمىغان، بالا ئېمىتمىگەن ئاياللار نېمىدېگەن بەختلىك!» دەيدۇ.

30 ئۇ چاغدا، كىشىلەر خۇدانىڭ غەزىپىدىن قېچىش ئۈچۈن تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگىمۇ: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ يالۋۇرىدۇ.

31 ياپيېشىل دەرەخ ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ تېخىمۇ كۆيدۈرۈلمەسمۇ؟! شۇنىڭدەك، مەن ئازاب چەككەن يەردە، سىلەر گۇناھكار يەھۇدىيلار تېخىمۇ ئازاب چەكمەمسىلەر؟!

32 لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە ئىككى جىنايەتچىنىمۇ ئۇلار ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسىنى بېجىرىشكە ئېلىپ كېلىشكەنىدى.

33 ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىدى. ئىككى جىنايەتچىنىڭمۇ بىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىگە مىخلىدى ۋە كرېستلەرنى تىكلەپ قويدى.

34 ھەزرىتى ئەيسا: - ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، - دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.

35 خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: - ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! - دېيىشتى.

36 لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەرزان ئۈزۈم شارابى تەڭلەپ:

37 - ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! - دېيىشتى.

38 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى.

39 ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: - سەن خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! - دېدى.

40 يەنە بىرى بولسا ھېلىقى جىنايەتچىنى ئەيىبلەپ: - سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش جازالىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، خۇدادىن قورقمىدىڭمۇ؟

41 بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق. بىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتتۇق، لېكىن ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغانغۇ! - دېدى.

42 ئاندىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا: - ئى ئەيسا، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن، - دېدى.

43 - بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

44 چۈش ۋاقتىدا، قۇياش نۇرى غايىب بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. بۇ ئەھۋال ئۈچ سائەت داۋام قىلدى.

45 مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە توساتتىن ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى.

46 ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، - دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

47 ئۇ يەردە بۇنى كۆرۈپ تۇرغان يۈزبېشى خۇدادىن قورققان ھالدا: - بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.

48 بۇ ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان خالايىق قايغۇ بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

49 ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋ ە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

50-51 يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاراماتىيا دېگەن شەھەردىن كەلگەن يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ قارارى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلمىغانىدى.

52 يۈسۈپ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

53 پىلاتۇس قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، كەندىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، يېڭىدىن ئويۇلغان چوڭ قورام تاشلىق قەبرىگە دەپنە قىلدى.

54 بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە ئاز قالغانىدى.

55 شۇڭا، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كەلگەن ئاياللار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىپ، قەبرىنى ۋە جەسەتنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى.

56 ئاندىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار بىلەن ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار دەم ئېلىشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan