Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

1 يەھۇدىيلارنىڭ پېتىر نان ھېيتى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى كېلىشكە ئاز قالغانىدى.

2 ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى بىر ئامال قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى. بىراق، ئۇلار ئۇنى قوللايدىغان خەلقتىن قورققانلىقتىن، ئۇنى مەخپىي ھالدا تۇتماقچى بولۇشتى.

3 شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى.

4 ئۇ ئالىي روھانىيلار ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا قانداق تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى.

5 ئۇلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە ۋەدە بەردى.

6 يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى جامائەتتىن خالىي قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى

7 پېتىر نان ھېيتىنىڭ قوي قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى دەپ ئاتالغان بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدە قوي سويۇپ، پېتىر نان بىلەن يەيتتى.

8 شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: - بىرگە غىزالىنىشىمىز ئۈچۈن، سىلەر بېرىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاڭلار، - دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى.

9 - قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى ئۇلار.

10 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - يېرۇسالېمغا كىرسەڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ توشۇۋاتقان بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتىسىلەر. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار

11 ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستازىمىز: ˜شاگىرتلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانلىق ئۆي قەيەردە ئىكەن؟Œ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار.

12 ئۇ سىلەرنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى جابدۇپ قويۇلغان بىر ئېغىز چوڭ ئۆيگە باشلاپ چىقىدۇ. مانا شۇ ئۆيدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييار قىلىڭلار.

13 پېترۇس بىلەن يۇھاننا بارسا، ھەممە ئىشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشقا كىرىشتى.

14 تاماق ۋاقتىدا، ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، داستىخاندا ئولتۇردى.

15 ئاندىن، ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى: - مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىدا سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا بولۇشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم.

16 چۈنكى، بۇ ھېيتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنداق ھېيتلىق تاماقنى قايتا يېمەيمەن.

17 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە شاگىرتلىرىغا: - بۇنىڭدىن ئىچىڭلار.

18 شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى تولۇق نامايان بولمىغۇچە، ھەرگىز بۇنداق شارابنى ئىچمەيمەن، - دېدى.

19 ئاندىن، ئۇ بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارغا بېرىپ: - بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، - دېدى.

20 تاماقتىن كېيىن، ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: - بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر.

21 بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە مەن بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!

22 دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!

23 شاگىرتلار بىر-بىرىدىن: - بۇنداق قىلىدىغان زادى كىمدۇ؟ - دەپ سوراشتى.


شاگىرتلارنىڭ مەرتىۋە ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشى

24 شاگىرتلار ئۆز ئىچىدە زادى كىمنىڭ مەرتىۋىسى ھەممىدىن يۇقىرى دەپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى.

25 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار ھۆكۈمران سۈپىتىدە قول ئاستىدىكى خەلقنى باشقۇرىدۇ ھەم ئۆزىنى خەلقپەرۋەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

26 لېكىن، سىلەر بۇنداق قىلماڭلار. ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكلەر ئۆزلىرىنى ئەرزىمەس كىشىلەردەك تۇتسۇن. باشلىق بولغىنىڭلار باشقىلارغا خىزمەت قىلىڭلار.

27 ئادەتتە كىم مەرتىۋىلىك؟ داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى خىزمەتكارمۇ؟ ئەلۋەتتە، داستىخاندا ئولتۇرغان ئەمەسمۇ؟ بىراق ماڭا كەلسەك، گەرچە مەن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار بولساممۇ، ئاراڭلاردا خىزمەتكارغا ئوخشاشمەن.

28 مەن سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.

29 خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى تەقدىم قىلغاندەك، سىلەرگىمۇ شۇنى تەقدىم قىلىمەن.

30 سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ ئۆزىدىن تانىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى

31 ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - ئەي سىمۇن، سىمۇن! شەيتاننىڭ ھەممىڭلارنى سىناش تەلىپىگە خۇدا ماقۇل بولدى. ئۇ سىلەرنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك سىنىماقچى.

32 لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە.

33 - ئى رەببىم، مەن سىز بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈشكە تەييارمەن! - دېدى پېترۇس.

34 - پېترۇس، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بىلىپ قويغىنكى، ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى

35 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - بۇرۇن مەن سىلەرنى سەپەرگە ئەۋەتكەندە، ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغ ئالماڭلار، دېگەنىدىم. ئۇ چاغدا، بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار.

36 - لېكىن، ئەمدى ھەميان، خۇرجۇنى بارلار ئېلىۋېلىڭلار. قىلىچى يوقلار چاپىنىڭلارنى سېتىپ، بىردىن قىلىچ ئېلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا،

37 - چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن سۆز چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئېشىشقا ئاز قالدى.

38 - ئى رەببىم، قاراڭ، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، - دېدى شاگىرتلار. - بولدى، يېتىدۇ! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ زەيتۇن تېغىدا دۇئا قىلىشى

39 تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلار بىلەن بىللە شەھەردىن چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا كەتتى.

40 ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارغا: - ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، - دېدى.

41 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:

42 - ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دەپ دۇئا قىلدى.

43 ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسماندىن كەلگەن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ، مەدەت بەردى.

44 ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.

45 دۇئادىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ غەمگە چۆككەنلىكىدىن مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى.

46 - ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئويغىتىپ.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

47 ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۆيۈپ سالام بەردى.

48 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەي يەھۇدا، ئىنسانئوغلىنى سۆيۈپ قويۇپمۇ، يەنە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلامسەن؟ - دېدى.

49 ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكى شاگىرتلار ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ: - ئى رەببىم، ئۇلار بىلەن ئېلىشساق قانداق دەيسىز؟ - دېدى.

50 شاگىرتلارنىڭ بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

51 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: - بەس! - دېدى ۋە قولىنى ئۇزىتىپ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ قويۇۋىدى، شۇئان ساقىيىپ كەتتى.

52 ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن ئالىي روھانىيلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارغا: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟

53 مەن ھەر كۈنى سىلەر بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا بولغاندا، ماڭا قول سالمىدىڭلار. بىراق، ئەمدى قول سالىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭلار يېتىپ كەلدى. بۇ شەيتان ھۆكۈم سۈرىدىغان قاراڭغۇ ۋاقىتتۇر، - دېدى.


پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى

54 قاراۋۇللار ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ، باش روھانىينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى.

55 ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت يېقىپ، چۆرىسىدە ئىسسىنىپ ئولتۇرغاندا، پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.

56 ئۇنىڭ ئىسسىنىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: - بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىر! - دېدى.

57 - ياق! مەن ئۇنى تونۇمايمەن! - دەپ تاندى پېترۇس.

58 ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى تونۇپ قېلىپ: - سەنمۇ ئۇنىڭ ئادىمىغۇ! - دېدى. - قارا سېنى، مەن ئۇلار بىلەن بىر ئەمەس! - دېدى پېترۇس.

59 بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر ئادەم: - شۈبھىسىزكى، بۇ ئادەم ئەيسا بىلەن بىر. تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرمامدۇ؟! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.

60 لېكىن، پېترۇس: - قارا بۇنى، نېمە دەپ بىلجىرلاۋاتىسەن! - دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا خوراز چىللىدى.

61 رەببىمىز ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قارىدى. پېترۇس رەب ئەيسانىڭ: «ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ،

62 تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالىي كېڭەشمىدە سوتلىنىشى

63 ھەزرىتى ئەيساغا قاراۋاتقان قاراۋۇللار ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى.

64 ئۇنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇرۇپ تۇرۇپ: - پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ - دەپ سوراشتى

65 ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى.

66 تاڭ ئاتقاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىدىكى ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى جەم بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.

67 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئېيتقىن، سەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھمۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگە ئېيتساممۇ، ئىشەنمەيسىلەر.

68 سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، جاۋاب بەرمەيسىلەر.

69 لېكىن، ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىغا ئاز قالدى.

70 - ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ - دېيىشتى ئۇلار. - سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك! - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

71 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: - ئەمدى باشقا ھېچقانداق ئەرز قىلغۇچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. چۈنكى، ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن كۇپۇر سۆزلەرنى ئاڭلىدۇق! - دېيىشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan