Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى

1 يەھيا پەيغەمبەر تۇغۇلغان كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق خەلققە نوپۇس تىزىملاش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

2 تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش، كىرىنىينىڭ سۇرىيە ئۆلكىسىگە ۋالىي بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

3 چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق بويىچە، ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.

4 شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپمۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىغا كەتتى.

5 ئۇ بولغۇسى ئايالى مەريەمنىمۇ تىزىملىنىشقا بىللە ئېلىپ باردى. مەريەم بولسا ھامىلىدار ئىدى.

6 ئۇلار بەيتلەھەم يېزىسىدا تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى.

7 بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى.


پەرىشتىلەرنىڭ پادىچىلارغا كۆرۈنۈشى

8 بەيتلەھەم يېزىسىنىڭ سەھرالىرىدا بەزى پادىچىلار دالادا تۈنەپ، پادىلىرىغا قارايتتى.

9 شۇ كۈنى، ئۇلارغا خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى.

10 بىراق، پەرىشتە ئۇلارغا: - قورقماڭلار! مەن سىلەرگە پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن.

11 بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ دۇنياغا كەلدى!

12 «ئۇنى قانداق تونۇيالايمىز؟» دەپ سورىساڭلار، ئۇ يەرگە بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزۇلغان زاكىلاقلىق بىر بوۋاقنى كۆرىسىلەر. بۇ سىلەرگە بېرىلگەن بەلگىدۇر، - دېدى.

13 بىردىنلا، ھېلىقى پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا باشقا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ:

14 «ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن! ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.

15 پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىچىلار بىر-بىرىگە: - بەيتلەھەم يېزىسىغا بېرىپ، خۇدا بىزگە ئۇقتۇرغان بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېيىشتى.

16 ئۇلار دەرھال بەيتلەھەمگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى تېپىپ، ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى كۆردى.

17 پادىچىلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، پەرىشتە ئېيتقان بوۋاق ھەققىدىكى سۆزلەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزدى.

18 بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەيران قېلىشتى.

19 مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى.

20 پادىچىلار قايتىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. چۈنكى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىققانىدى.


ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى خۇداغا ئاتىشى

21 بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى.

22-23 مەريەمنىڭ قىرىقى توشقاندا، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بەرگەن ئەمرىدىكى «تۇنجى ئوغۇل خۇداغا مەنسۇپ» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يۈسۈپ بىلەن مەريەم بالىنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى.

24 ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ تەۋراتتىكى ئەمرى بويىچە، بىر ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسى ئىبادەتخانىدا روھانىيلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ئاپىرىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

25 شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى.

26 ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگار تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى.

27 يۈسۈپ بىلەن مەريەم ئىبادەتخانىغا بارغان كۈنى، مۇقەددەس روھ شىموننىمۇ ئىبادەتخانىغا باشلاپ باردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئادا قىلماقچى بولۇۋاتقاندا،

28 شىمون ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇدى:

29 «ئى ئىگەم، سۆزۈڭدە تۇرۇپسەن. ئەمدى بۇ ئالەمدىن كەتسەم، رازىمەن.

30 چۈنكى، دېگىنىڭدەك ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم

31 پۈتۈن ئىنسانلارغا ھازىرلىغان قۇتقۇزغۇچىڭنى.

32 ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»

33 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى شىموننىڭ بالا ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ھەيران قېلىشتى.

34 شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى: - مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ.

35 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى مەخپىي غەرەزلەر ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن، سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئۆتكۈر بىر قىلىچ سانجىلغاندەك، قەلبىڭ قايغۇدىن ئۆرتىنىدۇ.

36 ئىبادەتخانىدا ئاشېر قەبىلىسىدىن بولغان پانۇئىلنىڭ قىزى ھاننا ئىسىملىك ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار بولۇپ، ئۇ توي قىلىپ، ئېرى بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ،

37 كېيىن تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، روزا تۇتۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى.

38 شىمون گېپىنى تۈگىتىشى بىلەن، ھاننا يېتىپ كېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.

39 يۈسۈپ بىلەن مەريەم تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە قايتتى.

40 ھەزرىتى ئەيسا چوڭ بولغانسېرى ساغلام ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشتى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭغا يار بولۇپ كەلدى.


ياش ئەيسا ئىبادەتخانىدا

41 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى.

42 ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ئادىتى بويىچە يېرۇسالېمغا يەنە باردى.

43 ھېيت تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى، ھەزرىتى ئەيسا بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. بۇ ئىشتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى،

44 چۈنكى ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار تۇغقان-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى.

45 ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىزدىدى.

46 ئۈچىنچى كۈنى، ھەزرىتى ئەيسانى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۆزىدە تاپتى.

47 ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ھەيران قېلىشتى.

48 ئاتا-ئانىسىمۇ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قېلىشتى، بىراق ئانىسى ئۇنىڭغا: - ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە ئۇقتۇرماي قېلىپ قالدىڭ؟ داداڭ ئىككىمىز سەندىن بەك ئەنسىرەپ، ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى! - دېدى.

49 - ئىزدەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ چوقۇم ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭلار؟ - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

50 لېكىن، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدى.

51 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى.

52 شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوي-تۇرقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى يېتىلىپ، خۇدانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بولدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan