Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


خۇدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يېتىدۇ

1 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:

2 - مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن.

3 شۇ شەھەردىكى بىر تۇل ئايال ھەمىشە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىرسى ماڭا ئۇۋال قىلدى، سىز ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز» دەپ تەلەپ قىپتۇ.

4 لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن،

5 لېكىن، بۇ تۇل ئايال دائىم ئىشىكىم ئالدىدىن كەتمەي مېنى زېرىكتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھال-دەردىنى ئاڭلاپ، دەردىگە يەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ.

6 رەببىمىز ئەيسا تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: - بۇ ئادالەتسىز قازىنىڭ سۆزلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭلار.

7 بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟

8 ياق! ئەكسىچە، خۇدا جەزمەن تېزدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى ئاسماندىن قايتىپ كەلگەندە، يەر يۈزىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنى تاپالارمۇ؟


پەرىسىي بىلەن باجگىر

9 ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:

10 - ئىككى كىشى دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن.

11 پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر.

12 مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىپتۇ.

13 بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ.

14 ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى

15 قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى.

16 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىلارنى چاقىرىپ: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر.

17 بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، - دېدى.


مۈلۈكداردىكى مۈشكۈلات

18 يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان بىر باي ھەزرىتى ئەيسادىن: - ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ - دەپ سورىدى.

19 - مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق.

20 سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان: «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ.

21 - بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى كىشى.

22 بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ.

23 ھېلىقى كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولدى، چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى.

24 بۇ ھالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا: - مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە!

25 ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! - دېدى.

26 بۇنى ئاڭلىغانلار: - ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - دېيىشتى.

27 - ئىنسانلار قادىر بولمىغانغا خۇدا قادىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

28 بۇ چاغدا، پېترۇس: - مانا بىز بارلىقىمىزنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق. سىزچە، بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ - دېدى.

29 - بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى دەپ، ئۆيى، ئايالى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاتا-ئانىسى ياكى بالا-چاقىلىرىدىن

30 ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى، ھەم بۇ دۇنيادا ھەسسىلەپ كۆپ بايلىققا، ھەم ئۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى ئۈچىنچى قېتىم ئالدىن ئېيتىشى

31 ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا: - مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرۇلۇق يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

32 ئۇ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلەيدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ

33 ۋە ئۇنى قامچىلايدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، - دېدى.

34 بىراق، شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن ھېچنېمە چۈشىنەلمىدى. چۈنكى، بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى قەستەن يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەلمىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ قارىغۇ تىلەمچىنى ساقايتىشى

35 ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن كەلگەندە، بىر قارىغۇ يول بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى.

36 ئۇ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.

37 بىرى ئۇنىڭغا: - ناسىرەلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، - دەپ ئۇقتۇردى.

38 - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.

39 ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان كىشىلەر تىلەمچىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈن چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! - دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.

40 ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، قارىغۇنى ئالدىغا ئەكېلىشنى بۇيرۇدى. قارىغۇ يېقىن كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

41 - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. - ئى رەببىم، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى قارىغۇ.

42 - كۆزلىرىڭ ئېچىلدى! ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

43 قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan