لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتوۋا قىلىش ياكى ھالاك بولۇش 1 شۇ چاغدا، بىرنەچچە كىشى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا بىر قىسىم جەلىلىيىلىكلەرنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقىنىدا، ۋالىي پىلاتۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. 2 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇ جەلىلىيىلىكلەرنىڭ باشقا جەلىلىيىلىكلەردىن كۆپرەك گۇناھى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپا چەكتى، دەپ قارامسىلەر؟ 3 ياق، ئۇنداق ئەمەس! گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ئاشۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر. 4 سىلوھا مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە تېگىدە قېلىپ ئۆلگەن ئون سەككىز كىشىنى قانداق دەيسىلەر؟ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ يامان، دەپ قارامسىلەر؟ 5 ئۇنداق ئەمەس! بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر. توۋا قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى 6 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر كىشىنىڭ بېغىدا بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ كىشى بۇ دەرەختىن مېۋە كۈتۈپتۇ، لېكىن دەرەخ مېۋە بەرمەپتۇ. 7 ئۇ كىشى باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى شۇنچە كۈتسەم، بىر تالمۇ مېۋە بەرمىدى، ئۇنى كېسىۋەت! ئۇنىڭ بۇ يەردە يەر ئىگىلەپ تۇرۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى» دەپتۇ. 8 «خوجايىن، يەنە بىر يىل ۋاقىت بېرىڭ. ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى يۇمشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. 9 ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، تېخى ياخشى. بەرمىسە، كېسىۋېتەيلى» دەپتۇ باغۋەن. دەم ئېلىش كۈن ى دوك ئايالنى ساقايتىش 10 بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئىبادەتخانىدا كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتاتتى. 11 ئۇ يەردە ئۇ، جىن چاپلاشقىلى ئون سەككىز يىل بولغان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايالنىڭ بېلى پۈكۈلگەن بولۇپ، رۇسلىنىپ تىك تۇرالمايتتى. 12 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: - خانىم، كېسىلىڭىز ساقايدى! - دەپ، 13 قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ھېلىقى ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى. 14 ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە: - ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، - دېدى. 15 رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەي ساختىپەزلەر، دەم ئېلىش كۈنى ئۆكۈز ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى ئېلىپ بارىسىلەرغۇ!؟ بۇ ھەرىكىتىڭلارنى ئىش دەپ ھېسابلىمامسىلەر؟! 16 ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بۇ ئايال ئون سەككىز يىلدىن بېرى شەيتاننىڭ سىرتمىقىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ ئۇنى سىرتماقتىن بوشىتىۋەتسەم يامان بوپتۇمۇ؟! 17 ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزى رەقىبلىرىنى خىجالەت قىلدى. كۆپچىلىك بولسا ئۇنىڭ ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىرىدىن خۇرسەن بولدى. ئۇرۇق ۋە خېمىرتۇرۇچ توغرىسىدىكى تەمسىللەر 18 ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقى زادى قانداق؟ مەن ئۇنى قانداق سۈرەتلەپ بېرەي؟ 19 ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. گەرچە قىچا ئۇرۇقى كىچىك بولسىمۇ، كىشى ئۇنى تېرىسا، ئۆسۈپ يېتىلىپ كۆچەت بولىدۇ. قۇشلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ. 20-21 ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ. ئەرشنىڭ تار ئىشىكى 22 ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، تەلىم بېرىپ ماڭدى. 23 بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: - ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى: 24 - ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە تىرىشىڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشىكتىن كىرەي دېسىمۇ، كىرەلمەيدۇ. 25 ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ. 26 سىلەر: «بىز سىز بىلەن ھەمداستىخان بولغان، سىزمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، 27 ئۇ سىلەرگە يەنە بىر قېتىم: «سىلەرنى تونۇمايمەن، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. 28 سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە، ئۆزۈڭلارنى بولسا سىرتقا قوغلىۋېتىلگەن ھالدا كۆرگىنىڭلاردا، ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىڭلارنى غۇچۇرلىتىسىلەر. 29 ئۇ چاغدا، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ دۆلەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھەمداستىخان بولىدۇ. 30 شۇنداق قىلىپ، كەينىدىكىلەر ئالدىغا ئۆتۈپ، ئالدىدىكىلەر كەينىدە قالىدۇ. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى 31 دەل شۇ چاغدا، بىرنەچچە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ يەردىن باشقا جايغا كېتىڭ. ھىرود خان سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى. 32 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىماستىن: - سىلەر بېرىپ ئۇ تۈلكىگە مېنىڭ داۋاملىق جىنلارنى ھەيدەيدىغانلىقىم ۋە كېسەللەرنى ساقايتىدىغانلىقىمنى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېرۇسالېمدا ۋەزىپەمنى تاماملايدىغانلىقىمنى دەڭلار. 33 شۇنداق ئىكەن، شۇ ۋاقىتقىچە يولۇمنى داۋاملاشتۇرمىسام بولمايدۇ. چۈنكى، بىر پەيغەمبەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېرۇسالېمدىن باشقا يەردە ئۆلتۈرۈلۈش مۇۋاپىق ئەمەستۇر. 34 ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار. 35 مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر، - دېدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti