لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىساختىپەزلىكتىن ھوشيار بولۇش 1 مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ: - سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار. 2 چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر. 3 دېمەك، سىلەرنىڭ مەخپىي قىلغان سۆزلىرىڭلار ئوچۇق-ئاشكارا ئاڭلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقان گەپلىرىڭلارمۇ تۆت تامدىن ئۆتۈپ، خەلقىئالەمگە پۇر كېتىدۇ، - دېدى. خۇدادىنلا قورقۇش كېرەك 4 ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - دوستلار، جېنىڭلارنى تېنىڭلاردىن جۇدا قىلىشتىن باشقا زىيانكەشلىك قولىدىن كەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار. 5 كىمدىن قورقۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي. جېنىڭلارنى ئالغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان خۇدادىن قورقۇڭلار. قورقۇشقا تېگىشلىكى ئەنە شۇ. 6 بەش قۇشقاچنى ئىككى تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ خۇدا ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. 7 ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار، چۈنكى سىلەر خۇدا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىك-دە! ھەزرىتى ئەيسانى ئېتىراپ قىلىش ۋە قىلماسلىق 8 - كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ھازىر كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى كېيىن ئىنسانئوغلىمۇ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. 9 بىراق، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلار خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ رەت قىلىنىدۇ. 10 ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. بىراق، مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. 11 كىشىلەر سىلەرنى، «بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن» دەپ ئىبادەتخانىغا ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «ئۆزۈمنى قانداق ئاقلىسام بولار؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. 12 چۈنكى، نېمە دېيىشىڭلارنى مۇقەددەس روھ شۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆگىتىدۇ. ئەقىلسىز باي ھەققىدىكى تەمسىل 13 كۆپچىلىك ئىچىدىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، ئاكامغا ئاتىمىزدىن قالغان مىراستىن ماڭا تېگىشلىكىنى بېرىشنى بۇيرۇسىڭىز، - دېدى. 14 - بۇرادەر، كىم ماڭا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قازىلىق قىلىش ياكى مىراسىڭلارنى ئايرىپ بېرىش ھوقۇقىنى بېرىپتۇ؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. 15 كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى 16 ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ. 17 ئۇ كۆڭلىدە «بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويىدىغان يېرىم يوق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ 18 توغرا، ھازىرقى ئامبارلىرىمنى بۇزۇپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئاشلىق ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە قويمامدىمەن؟!» دەپ ئويلاپتۇ. 19 ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاي-ۋۇي، سەن نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم! كۆپ يىل يەتكۈدەك مال-مۈلكۈڭ بار. يەپ-ئىچىپ، تۇرمۇشۇڭنى خۇشال-خۇرام، راھەت ئۆتكۈزمەمسەن؟!» دەپتۇ. 20 لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا:«ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئۇنداقتا توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ ئەمدى كىمگە قالار؟» دەپتۇ. 21 ھەزرىتى ئەيسا يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى: - ئۆزىگە بايلىق توپلىغان، ئەمما خۇدانىڭ نەزىرىدە باي بولمىغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق بولىدۇ. خۇداغا تايىنىش 22 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. 23 چۈنكى، ھاياتلىق يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىزدۇر. 24 قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 25 ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟ 26 مانا شۇنچىلىك كىچىك ئىشنىمۇ قىلالمىساڭلار، باشقا ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! 27 ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ. لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 28 ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 29 شۇنداق ئىكەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئۈچۈن باش قاتۇرماڭلار. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭلار 30 بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 31 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. ھەقىقىي بايلىق توپلاش 32 - قوزىلىرىم، قورقماڭلار! سىلەر ئاز ۋە ئاجىز بولساڭلارمۇ، ئاتاڭلار ئۆز پادىشاھلىقىدىن سىلەرنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇشۇڭلارنى لايىق كۆردى. 33 مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان ھازىرلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئوغرى ئالمايدىغان، كۈيە يېمەيدىغان جاي - ئەرشتە خەزىنە توپلىغان بولىسىلەر. 34 بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىگە تەييار بولۇڭلار! 35 - خۇددى بېلىنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ، 36 خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئېچىشى كېرەك. 37 خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ. 38 ھەتتا خوجايىن يېرىم كېچىدە ياكى سەھەردە كەلسۇن، ئۇ چاكارلىرىنىڭ ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! 39 بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە! 40 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ. 41 - ئى رەببىم، بۇ تەمسىللەرنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭىزمۇ ياكى كۆپچىلىككە قارىتىپمۇ؟ - دەپ سورىدى پېترۇس. 42 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ. 43 خوجايىن سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ، چاكىرىنىڭ شۇنچىلىك ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرسە، بۇ چاكارنىڭ بەختى! 44 بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. 45 لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا، 46 خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ. 47 خوجايىنىنىڭ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، رۇسلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىغان چاكار قاتتىق تاياق يەيدۇ. 48 بىراق، خوجايىنىنىڭ تەلىپىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلغان چاكار يېنىكرەك تاياق يەيدۇ. خۇدا كىمگە كۆپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كۆپ كۈتىدۇ. چۈنكى، كىمگە كۆپ ئامانەت قويۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا - بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبچىسى 49 - مەن دۇنياغا ئوت يېقىشقا كەلدىم. بۇ ئوتنىڭ يېنىپ كېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە! 50 مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»~تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن. 51 سىلەر مېنى دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم! 52 بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئائىلىدىكىلەر بىر-بىرسىگە قارشى تۇرىدۇ. 53 «ئۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى» دەپ، ئاتا ئوغلىغا، ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا، قىز ئانىسىغا، قېينانا كېلىنىگە، كېلىن قېينانىسىغا قارشى تۇرىدۇ. خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بېشارەتلەر 54-55 ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى: - سىلەر كۈنپېتىش تەرەپتە بۇلۇت كۆرۈنسە، «يامغۇر ياغىدۇ» دەيسىلەر. جەنۇب تەرەپتىن شامال چىقسا، «ھاۋا ئىسسىيدۇ» دەيسىلەر. دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. 56 ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر ئاسمان-زېمىننىڭ رەڭگىنى چۈشەندۈرەلەيسىلەريۇ، ھازىرنىڭ نېمە ۋاقىت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلمەمسىلەر؟! 57 نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە سىلەر ئۆزۈڭلار نېمىشقا ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟! 58 ئەگەر بىرى ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىپ، سىلەرنى سوتقا ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، ئالدىنئالا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا قاراۋۇلغا تاپشۇرۇپ، زىندانغا سولىتىۋېتىدۇ. 59 بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە قويۇلغان جەرىمانىنىڭ بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، زىنداندىن چىقالمايسىلەر! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti