لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدۇئا قىلىش توغرىسىدىكى تەلىم 1 بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى. دۇئا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: - ئى رەببىم، يەھيا پەيغەمبەر ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سىزمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، - دېدى. 2 ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي. 3 كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن. 4 بىزگە گۇناھ قىلغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.» 5 ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىپ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - ئەگەر يېرىم كېچىدە دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، «بۇرادەر، ماڭا ئۈچ نان بېرىپ تۇر، 6 ئۆيۈمگە بىر دوستۇم سەپەر بىلەن كەلگەنىدى، ئۆيدە ئۇنى كۈتكۈدەك بىر نەرسە قالماپتۇ» دېسەڭ، 7 دوستۇڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، «مېنى ئاۋارە قىلما، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار، ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق. خاپا بولما!» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ 8 ياق، ئۇ دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ تارتىنماستىن قايتا-قايتا يالۋۇرۇشۇڭ ۋەجىدىن بولسىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سورىغان نەرسەڭنى چوقۇم بېرىدۇ. 9 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 10 چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ. 11 سىلەر بېلىق تەلەپ قىلغان ئوغلۇڭلارغا يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 12 تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 13 گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟ ھەزرىتى ئەيسا شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر 14 بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئادەمنى گاچا قىلىپ قويغان جىننى ئۇنىڭ تېنىدىن ھەيدەپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، گاچا زۇۋانغا كەلدى. كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. 15 بىراق بەزى كىشىلەر: «ئۇ، جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» دېدى. 16 يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. 17 ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلىمۇ ۋەيران بولىدۇ. 18 شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتان ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلار بىلەن سوقۇشسا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ سىلەر مېنى، «جىنلارنى شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر. 19 ئەگەر دەرۋەقە شۇنداق بولسا، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىڭلار دەلىللەپ بېرىدۇ. 20 ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 21 ئەگەر تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر شەيتان ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرسا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بىخەتەر بولىدۇ. 22 لېكىن، ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىپ، ئۆز ئادەملىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ. 23 مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. ماڭا يىغىۋېلىشقا ياردەم بەرمىگەنلەر توزۇتۇۋەتكۈچىلەردۇر. 24 جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ. تاپالمىغاندىن كېيىن، «ئىلگىرىكى ئۆيۈمگە قايتاي!» دەيدۇ. 25 شۇنىڭ بىلەن، جىن ئۇ ئادەمنىڭ تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ دىلىنىڭ پاكىز تازىلىنىپ رەتلەنگەن ئۆيدەك بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ-دە، 26 ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. ھەقىقىي بەخت 27 ھەزرىتى ئەيسا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال يۇقىرى ئاۋازدا: - سىزنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئايال نەقەدەر بەختلىك-ھە! - دېدى. 28 - خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. كارامەت كۆرسىتىش تەلىپى 29 شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئۆزىدىن كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن ئوسال! ئۇلار كارامەت كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. 30 يۇنۇس پەيغەمبەردە يۈز بەرگەن ئىشلار نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلققە بىر مۆجىزىلىك ئالامەت بولغىنىغا ئوخشاش، مەندە - ئىنسانئوغلىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارمۇ بۇ ئەۋلادقا يەنە شۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەت بولىدۇ. 31 قىيامەت كۈنى ئەرەبىستاندىكى شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغى بار. 32 قىيامەت كۈنى، نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار. خۇدانىڭ كۆرسەتكەن يورۇقلۇقىنى قانداق كۆرگىلى بولىدۇ 33 - ھېچكىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى كۆرۈنمەس يەرگە ياكى داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، ئەلۋەتتە. 34 سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار تېنىڭلارنىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. 35 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلاركى، ۋۇجۇدۇڭلاردىكى «يورۇقلۇق» يورۇقلۇق ئەمەس، قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن. 36 ئەگەر پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولۇپ، ئۇنىڭدا قاراڭغۇلۇقتىن قىلچە ئەسەر بولمىسا، خۇددى نۇرلۇق چىراغ سىلەرنى يورۇتۇپ تۇرغاندەك، ھاياتىڭلار پۈتۈنلەي يورۇقلۇقتا بولىدۇ. پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ساختىپەزلىكى 37 ھەزرىتى ئەيسا سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. 38 ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 39 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر پەرىسىيلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە يامانلىق بىلەن تولغان. 40 ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقان خۇدا ئىچىگىمۇ قاراپ ھېساب ئالماسمۇ؟! 41 شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ. 42 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، سۇزاپ قاتارلىق دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق ھەققانىيلىق ۋە خۇداغا بولغان مۇھەببەتكە سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. 43 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! سىلەر ئىبادەتخانىدا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىگە ئامراق. 44 سىلەرگە ۋاي! سىلەر خۇددى كىشىلەر ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەسسەپ سېلىپمۇ سېزەلمەيدىغان، سېسىپ كەتكەن قەبرىسىز يەرلىككە ئوخشايسىلەر! - دېدى. 45 مەلۇم بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، بۇ سۆزلىرىڭىز بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! - دېدى. 46 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! سىلەر قاتتىق دىنىي قائىدەڭلار ئارقىلىق كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەيسىلەريۇ، ئۆزۈڭلار بىرەر بارمىقىڭلارنىمۇ مىدىرلىتىپ قويمايسىلەر. 47 سىلەرگە ۋاي! سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۆلتۈرگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئابىدىلىرىنى چىرايلىق ياسىدىڭلار. 48 بۇ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ياقلىغىنىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا، سىلەر ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئىشەنمىدىڭلار. 49 شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىمنى ئەۋەتىمەن. بەزىلىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.» 50-51 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىگە، يەنى ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان قان قەرزلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرى جاۋابكار بولىدۇ. شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن سىلەر جازاغا تارتىلىسىلەر. 52 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! ھەقىقەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى قولۇڭلارغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار، ھەتتا كىرىشنى خالىغانلارنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار. 53-54 ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنى قاتتىق سۆكۈپ، ئۇنىڭغا قىيىن سوئاللارنى قويۇپ، سۆزىدىن تۇتۇۋېلىپ زىيانكەشلىك قىلىشقا پۇرسەت كۈتۈشتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti