Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇقەددىمە

1 ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى، سىزگە مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارىمىزدا قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشكەنىدى.

2 ئۇلار خاتىرىلەشتە، بۇ ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان.

3 مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، بۇلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىپ، سىزگە مەلۇم قىلىشنى لايىق تاپتىم.

4 بۇنىڭدىن مەقسەت، سىزگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغان تەلىملەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر.


يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت

5 ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.

6 ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.

7 ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.

8 بىر كۈنى، زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ قىسمىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى.

9 ئۇلار ھەر كۈنى ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرىق سېلىشقا بىر روھانىي تاللاش ئۈچۈن چەك تاشلايتتى. ئۇ كۈنى، چەك زەكەرىياغا چىقتى.

10 ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.

11 تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زەكەرىياغا خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتە كۆرۈندى.

12 زەكەرىيا قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتتى،

13 بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: - ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.

14 ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ.

15 ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.

16 ئۇ نۇرغۇن ئىسرائىللارنى رەببىمىز خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرىدۇ.

17 ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، - دېدى.

18 - مەن قېرىپ قالدىم، ئايالىمنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى نېمىدىن بىلەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى زەكەرىيا پەرىشتىدىن.

19 پەرىشتە: - مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.

20 ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سۆزلىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭ تۇتۇلىدۇ. بالا تۇغۇلمىغۇچە، زۇۋانغا كەلمەيسەن، - دەپلا كۆزدىن غايىب بولدى.

21 بۇ چاغدا، زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كېچىككەنلىكىنى چۈشەنمەي ھەيران بولۇشتى.

22 كۆپچىلىك ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ، گەپ قىلالماي، قوللىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ مەقسىتىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر غايىبانە ئالامەتنى كۆرگەنلىكىنى چۈشەندى.

23 زەكەرىيا ئىبادەتخانىدىكى نۆۋەتچىلىك مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا ئۆيىگە قايتتى.

24 دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ، بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقمىدى.

25 ئۇ: «ئەمدى رەببىم ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خالايىق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت

26-27 ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.

28 جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! - دېدى.

29 بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى.

30 جەبرائىل ئۇنىڭغا: - ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ.

31 ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن.

32 ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ.

33 ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، - دېدى.

34 - مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.

35 - خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.

36 تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى.

37 چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، - دېدى جەبرائىل.

38 - مەن خۇدانىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، - دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن، جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.


مەريەمنىڭ ئېلىزابېتنى يوقلىشى

39 ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ئالدىراش يولغا چىقىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى.

40 ئۇ يەردە زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابېتقا سالام بەردى.

41-42 ئېلىزابېت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندا، قورسىقىدىكى بوۋاق سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن، قورسىقىڭدىكى بوۋاقمۇ بەختلىكتۇر.

43 رەببىمنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن مېنى يوقلاپ كېلىشىڭگە مۇناسىپ ئەمەسمەن.

44 سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندە، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ سەكرەپ كەتتى.

45 سەن، «خۇدا ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە، نەقەدەر بەختلىكسەن!


مەريەمنىڭ خۇداغا ئوقۇغان مەدھىيىسى

46 مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: «قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن رەببىمنى،

47 قۇتقۇزغۇچىم خۇدا قىلدى خۇرسەن دىلىمنى،

48 ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،

49 چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى. مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى،

50 مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.

51 كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.

52 تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى، كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.

53 سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا، قۇرۇق قول قايتۇردى خۇداغا ئېھتىياجسىز بىز، دەپ قارىغان بايلارنى.

54 قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى.

55 چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ˜ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەنŒ دەپ ۋەدە قىلغانىدى.»

56 مەريەم ئېلىزابېتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايدەك تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى.


يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى

57 ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.

58 خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.

59 بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى.

60 بىراق، ئانىسى: - ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، - دېدى.

61 - بولمايدۇ! ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! - دېيىشتى ئۇرۇق-تۇغقانلار قارشى تۇرۇپ.

62 ئاندىن، ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى.

63 زەكەرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.

64 دەل شۇ چاغدا، زەكەرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.

65 كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئەيمىنىپ كەتتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى.

66 بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى، چۈنكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى.


زەكەرىيانىڭ قۇتقۇزۇلۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى

67 ئاندىن، يەھيانىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

68 «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.

69-71 ئۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يامان كۆرگەنلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.

72 ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.

73-75 ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: ˜مەن ئەۋلادلىرىڭنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىمەن، ۋە ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئۆز ئالدىمدا، ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، دۈشمەنلىرىدىن قورقماي، ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان قىلىمەنŒ دەپ قەسەم بەرگەن.

76 ساڭا كەلسەك، ئەي بالام، سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن. رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن.

77 ئۇنىڭ خەلقىگە: ˜گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنىپ قۇتقۇزۇلىسىلەر!Œ دەپ ئۇقتۇرىسەن.

78-79 چۈنكى، خۇدايىمىز شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر، ئۇ ئەرشتىن تاڭ شەپىقىنى ئېلىپ كېلەر بىزگە. ئۇ نۇرىنى چاچار، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا، باشلار بىزلەرنى ئامانلىق يولىغا.»

80 يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan