لاۋىيلار 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىروھانىيلارنىڭ خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى 1 سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، شۇنداقلا ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتتى. 2 ئۇ ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىن. 3 ئاندىن ئىسرائىللارغا: «سىلەر گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بولغان بىر ياشلىق تورپاق ۋە بىر ياشلىق قوي، 4 ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا ۋە بىر قوچقارنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قۇربانلىق قىلىڭلار، ھەم بۇلار بىلەن بىرلىكتە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلەرگە زاھىر بولىدۇ» دېگىن. 5 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە قۇربانلىقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇ يەردە جەم بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى. 6 مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى سىلەرگە زاھىر بولىدۇ، _ دېدى. 7 ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر. 8 شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تورپاقنى ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىدى. 9 ئوغۇللىرى تورپاقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى، ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويدى. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكتى. 10 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرىگە بىنائەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. 11 گۆش ۋە تېرىسىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈردى. 12 ھارۇن يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلانغان قوچقارنى بوغۇزلىدى، ئوغۇللىرى ئۇنىڭ قېنىنى ھارۇنغا سۇنۇپ بەردى، ھارۇن ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. 13 ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى ۋە بېشىنى ئۇنىڭغا بەردى، ھارۇن ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. 14 ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى. 15 ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى قانداق قىلغان بولسا، خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولغان تېكىنىمۇ شۇ بويىچە بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى. 16 ئۇ يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، قائىدە بويىچە قۇربانلىق قىلدى. 17 ئۇ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن باشقا يەنە ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. 18 ھارۇن خەلقنىڭ ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئەكەلگەن بۇقا ۋە قوچقارنىمۇ بوغۇزلىدى. ئاندىن ئوغۇللىرى قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ قانلارنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. 19 ئۇلار بۇقا ۋە قوچقارنىڭ مېيىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مېيى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى 20 قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ھارۇن بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. 21 لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھارۇن مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرى ۋە ئوڭ يانپاشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەنىدى. 22 ھارۇن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جامائەتكە بەخت تىلىدى. ئۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئامانلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئايرىلدى. 23 مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىردى. ئاندىن چىقىپ خەلققە يەنە بەخت تىلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن خەلققە زاھىر بولدى. 24 شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت چىقىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە مايلارنى بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتتى. پۈتۈن جامائەت بۇنى كۆرۈپ، خۇشاللىقلىرىدىن چۇقان سېلىشىپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti