لاۋىيلار 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئامانلىق قۇربانلىقى 1 _ ئەگەر بىرسى كالىنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، بېجىرىم بۇقا ياكى سىيىرنى قۇربانلىق قىلسۇن. 2 قۇربانلىق سۇنغۇچى كالىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى كالىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن. 3 قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىدىن مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۇنسۇن، يەنى قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرى، 4 ئىككى بۆرىكى، بۆرەك مېيى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. 5 بۇلارنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرلىكتە كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئامانلىق قۇربانلىقى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 6 ئەگەر بىرسى قوي ياكى ئۆچكىنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا سۇنماقچى بولسا، مەيلى ئەركەك، مەيلى چىشى بولسۇن، چوقۇم بېجىرىم بولسۇن. 7 ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى قوي بولسا، قۇربانلىق سۇنغۇچى قوينى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، 8 قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قوينىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن. 9 قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقىرىۋېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئۇ ئومۇرتقىسىدىن پۈتۈن قۇيرۇق مېيىنى چىقىرىۋالسۇن ھەمدە قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرىنى، 10 ئىككى بۆرىكىنى، بۆرەك مېيىنى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. 11 بۇلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ، ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 12 ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى ئۆچكە بولسا، سۇنغۇچى ئۆچكىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، 13 قولىنى ئۆچكىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۆچكىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن. 14 قۇربانلىق سۇنغۇچى مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۇنۇش ئۈچۈن، قۇربانلىق ئۆچكىنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرىنى، 15 ئىككى بۆرىكىنى، بۆرەك مېيىنى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. 16 بۇلارنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بارلىق مايلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. 17 ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti