لاۋىيلار 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىقوشۇمچە بەلگىلىمىلەر 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2-3 _ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر ئادەمنى ئاتاشقا ئالاھىدە قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالغان ئادەمنىڭ ئىش قىممىتى بويىچە مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمىدە پۇل ھەدىيە قىلسۇن: يىگىرمە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئۈچۈن 600 گىرام كۈمۈش، 4 ئاياللار ئۈچۈن 360 گىرام كۈمۈش. 5 بەش ياشتىن يىگىرمە ياشقىچە بولغان ئوغۇللار ئۈچۈن 240 گىرام كۈمۈش، قىزلار ئۈچۈن 120 گىرام كۈمۈش. 6 بىر ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان ئوغۇل بالىلار ئۈچۈن 60 گىرام كۈمۈش، قىز بالىلار ئۈچۈن 36 گىرام كۈمۈش. 7 ئاتمىش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئەرلەر ئۈچۈن 180 گىرام كۈمۈش، ئاياللار ئۈچۈن 120 گىرام كۈمۈش. 8 ئەگەر قەسەم قىلغۇچى نامراتلىقىدىن قەسىمىنى ئورۇنداشقا كۈچى يەتمىسە، بەلگىلەنگەن ئادەمنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باشقا باھا بېكىتسۇن. 9 ئەگەر بىرسى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋاندىن بىرەرسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالماقچى بولغان ھايۋان مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 10 بۇنداق ھايۋاننى باشقا ھايۋانغا ئالماشتۇرۇشقا ۋە بېجىرىمىنى بېجىرىم بولمىغىنىغا، بېجىرىم بولمىغىنىنى بېجىرىمىغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ھەر ئىككىلىسى مۇقەددەس ھېسابلىنىپ، ماڭا تەۋە بولىدۇ. 11 ئەگەر ئاتىماقچى بولغان ھايۋان ھارام ھايۋان بولسا، ئۇنى ماڭا قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاشقا بولمايدۇ. ئۇنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. 12 روھانىي ئۇنىڭ بېجىرىم ياكى بېجىرىم ئەمەسلىكىگە قاراپ، باھاسىنى بېكىتسۇن. روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن. 13 ناۋادا ئۇ ئادەم ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن. 14 ئەگەر بىرسى ئۆيىنى ماڭا ئاتىغان بولسا، روھانىي ئۆينىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئاساسەن باھاسىنى بېكىتسۇن، روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن. 15 ئەگەر ئۇ ئۆيىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا ئۆي ئۇنىڭ بولىدۇ. 16 ئەگەر بىرسى مىراس قالغان زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى ماڭا ئاتىسا، روھانىي يەرنىڭ باھاسىنى يەرگە تېرىلىدىغان ئارپا ئۇرۇقىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتسۇن. 60 كىلو ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنىڭ باھاسى 600 گىرام كۈمۈشتۇر. 17 ئەگەر ئۇ قۇت يىلىدىن باشلاپ يېرىنى ئاتىغان بولسا، يەرنىڭ باھاسى تولۇق ھېسابلانسۇن. 18 ئەگەر ئۇ يېرىنى قۇت يىلىدىن كېيىن ئاتىغان بولسا، روھانىي قۇت يىلىدىن تاكى ئاتىغان يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلاپ، يەرنىڭ باھاسىدىن ئېلىۋەتسۇن. 19 ناۋادا يېرىنى ئاتىغۇچى كېيىن يېرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، باھالانغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا يەر ئۇنىڭ بولىدۇ. 20 ئەگەر ئۇ يېرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىماي، باشقىلارغا ساتسا، ئۇ يەرنى ھەرگىز قايتۇرۇۋالالمايدۇ. 21 قايتۇرۇۋېلىنمىغان يەر قۇت يىلى كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى سۈپىتىدە روھانىيلارغا تەۋە بولىدۇ. 22 ئەگەر ماڭا ئاتالغان يەر مىراس يەر بولماي، سېتىۋېلىنغان يەر بولسا، 23 روھانىي يەر سېتىۋېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانىغا قاراپ، يەرنىڭ باھاسىنى بېكىتسۇن. يەر ئىگىسى بېكىتىلگەن باھا بويىچە شۇ كۈنى ھەق تۆلىسۇن. پۇل ماڭا ئاتالسۇن. 24 قۇت يىلى كەلگەندە يەر ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ، يەنى مىراس ئىگىسىگە قايتىدۇ. 25 ھەرقانداق نەرسىنىڭ باھاسىنى باھالىغاندا، مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچەم بىرلىكى ئاساس قىلىنسۇن. 26 _ ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلمىسۇن، چۈنكى مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ بالىسى بولسۇن، بەرىبىر مېنىڭدۇر. 27 ھارام ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنىنى ئەسلىدىكى باھالىغان باھاغا، يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر قايتۇرۇپ ئالمىسا، روھانىي بەلگىلىگەن باھا بويىچە سېتىلسۇن. 28 مەن پەرۋەردىگارغا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە، يەنى ئادەملەرنىڭ ماڭا ئاتىغان ئادەم، ھايۋان، مىراس يەر قاتارلىق ھەرقانداق نەرسىسىنى ئىگىلىرىنىڭ سېتىشىغا ۋە قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ، ماڭا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 29 ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان گۇناھكارلارنى ھەق تۆلەپ ئۆلۈمدىن خالاس قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 30 زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، مەيلى يەردىن ئېلىنغان ھوسۇل بولسۇن، مەيلى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ماڭا تەۋەدۇر. بۇلار ماڭا مۇقەددەستۇر. 31 ناۋادا ماڭا تەۋە ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن. 32 كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ يېڭى تۇغۇلغانلىرىنىڭ ئوندىن بىرى، يەنى پادىچىنىڭ سانىقىدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ ھەربىر ئونىنچىسى ماڭا تەۋە بولۇپ، مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 33 ياخشى-يامىنى سۈرۈشتۈرۈلمىسۇن، ئورنىغا ئالماشتۇرۇلمىسۇن. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ئەسلىدىكىسىمۇ، ئالماشتۇرۇلغىنىمۇ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. 34 مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti