لاۋىيلار 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئېتىزنى دەم ئالدۇرۇش يىلى 1 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا، ئېتىزلارنى ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم ماڭا ئاتاپ دەم ئالدۇرۇڭلار. 3 ئالتە يىل يېرىڭلارنى تېرىڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتاپ تۇرۇڭلار، ھوسۇل ئېلىڭلار. 4 لېكىن يەتتىنچى يىلى يېرىڭلارنى ماڭا ئاتاپ تولۇق دەم ئالدۇرۇڭلار. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتىماڭلار. 5 بۇ يىل يەر تولۇق دەم ئالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار. 6 لېكىن سىلەر بۇ زىرائەت، ئۈزۈملەرنى ئېتىزدا يېسەڭلار بولىدۇ، شۇنداقلا قۇلۇڭلار، دېدەكلىرىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان مەدىكارلىرىڭلار ۋە يات خەلقلەر يېسىمۇ بولىدۇ. 7 ئېتىزىڭلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان بۇ زىرائەتلەرنى چارۋا مېلىڭلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارمۇ يېسە بولىدۇ.» قۇت يىلى 8 «سىلەر يەتتە قېتىملىق دەم ئالدۇرۇش يىلىنى ھېسابلاڭلار، بۇ 49 يىل بولىدۇ. 9 50-يىلىنىڭ 7-ئېيىنىڭ 10-كۈنى، يەنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدە پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چالدۇرۇڭلار. 10 سىلەر 50-يىلىنى مۇقەددەس يىل بىلىپ، بۇ يىلنى زېمىنىڭلاردىكى پۈتۈن خەلققە ھۆرلۈك يىلى دەپ جاكارلاڭلار. بۇ يىل سىلەرگە قۇت يىلى بولسۇن. سېتىلىپ كەتكەن پۈتۈن زېمىن ۋە ئۆيلەر بۇ يىلدا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بۇرۇن قۇل قىلىپ سېتىلغانلار ھۆر قىلىنىپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسۇن. 11 50-يىلى سىلەرنىڭ قۇت يىلىڭلاردۇر. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار. 12 چۈنكى بۇ يىل قۇت يىلىدۇر، سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىلىڭلاردۇر. لېكىن سىلەر يېرىڭلاردا ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. 13 قۇت يىلىدا ھەركىم ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن. 14 سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن يەر-زېمىن سودىسى قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. 15 يەرنىڭ باھاسى سودا بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانى بويىچە بەلگىلەنسۇن. 16 قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىلنىڭ سانى كۆپ بولسا باھاسى يۇقىرى، ئاز بولسا، باھاسى تۆۋەن بولسۇن. چۈنكى باھالىنىدىغىنى ئېتىزدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ قېتىم سانىدۇر. 17 مەن پەرۋەردىگارىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 18 مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئىجرا قىلساڭلار، ئۇ زېمىندا خاتىرجەم ياشايسىلەر. 19 يېرىڭلار ھوسۇل بېرىدۇ، سىلەر قانائەتلەنگۈدەك يېمەكلىككە ئىگە بولىسىلەر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىلەر. 20 بەلكىم سىلەر: ‹يەتتىنچى يىلى ھېچنېمە تېرىمىساق، ھوسۇل ئالمىساق، نېمە يەيمىز؟› دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. 21 مەن سىلەرنىڭ ئالتىنچى يىلى ئالغان ھوسۇلۇڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، ئۇ ئۈچ يىل يېيىشىڭلارغا يېتىدۇ. 22 سەككىزىنچى يىلى ئۇرۇق تېرىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا ئاشۇ ئالتىنچى يىلىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىقىڭلارنى يەيسىلەر. توققۇزىنچى يىلى يەردىن ھوسۇل ئالغۇچە سىلەردە يەنىلا ئېشىنچا ئاشلىق بولىدۇ.» يەر ۋە مال-مۈلۈكلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى 23 «يەر-زېمىنىڭلارنى مەڭگۈلۈككە ساتماڭلار، چۈنكى يەر مېنىڭدۇر. سىلەر پەقەت بىر يولۇچى، مېھمانلىرىمدۇرسىلەر. 24 ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى ساتقان ئادەمگە يەرلىرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىڭلار. 25 ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللاردىن بىرەرسى نامراتلىشىپ، يېرىنىڭ بىر قىسمىنى باشقا بىرىگە ساتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇ سېتىۋەتكەن يەرنى سېتىۋالسۇن. 26 ئەگەر يەرنى سېتىۋالغۇدەك يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، ئۆزى پۇل تېپىپ، سېتىۋالغۇدەك ھالغا كەلگەندە، ئۆزى سېتىۋالسۇن. 27 يەرنىڭ باھاسى سېتىلغان يىل سانى بويىچە ھېسابلىنىپ، ھەق تۆلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. 28 ئەگەر ئۇنىڭ سېتىۋېلىشقا ئىقتىسادى يەتمىسە، سېتىۋېتىلگەن يەر تاكى قۇت يىلى كەلگۈچە يەنىلا ئالغۇچىنىڭ قولىدا قالىدۇ. قۇت يىلى كەلگەندە، يەر ئىگىسىگە قايتىدۇ، يەر ئىگىسىمۇ ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتسا بولىدۇ. 29 ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەردىكى ئۆيىنى ساتقان بولسا، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۆيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. بىر يىل قايتا سېتىۋېلىش ۋاقىت چېكىدۇر. 30 ئەگەر ئۇ بىر يىل ئىچىدە ئۆيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالالمىسا، بۇ ئۆي ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك تەۋە بولىدۇ، قۇت يىلىدىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ. 31 لېكىن ئەتراپى سېپىلسىز بولغان يېزىدىكى ئۆي بولسا، يېزا يېرى ھېسابلىنىپ، قايتۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ ھەم قۇت يىلىدا ئىگىسىگە قايتىدۇ. 32 لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە لاۋىيلار ئۆزلىرى سېتىۋەتكەن ئۆيلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇپ سېتىۋالالايدۇ. 33 لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە ئەگەر ئۇلار ئۆيلىرىنى ساتقاندىن كېيىن قايتۇرۇپ سېتىۋالمىسا، ئۆينى ئالغۇچى قۇت يىلىدا قايتۇرۇپ بەرسۇن. چۈنكى لاۋىيلارنىڭ بۇ شەھەرلەردىكى ئۆيلىرى ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار زېمىنىدىكى مۈلكىدۇر. 34 لېكىن لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سىرتىدىكى ئوتلاقلارنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سېتىشىغا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئوتلاقلار لاۋىيلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئورتاق مۈلكىدۇر.» ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش 35 «ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، قولى قىسقا بولۇپ قالسا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقتىن بولغان مۇساپىرلارغا ياردەم بەرگەندەك، ئۇلارغىمۇ ياردەم بېرىڭلار، ئۇلارمۇ ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن. 36 ئۇلاردىن جازانە ئالماڭلار. مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن. 37 ئۆسۈمنى ئويلاپ، پۇل ياكى ئاشلىق قەرز بەرمەڭلار. 38 مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرگە كەنئان زېمىنىنى ئاتا قىلىش ۋە سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم.» قۇللارنى ھۆرلۈككە چىقىرىش 39 «ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، ئۆزلىرىنى سىلەرگە ساتقان بولسا، ئۇلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتمەڭلار. 40 ئۇلار يىللىقچى بولۇپ قۇت يىلىغىچە ئىشلەپ تۇرسۇن. 41 قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەردىن ئايرىلىپ، ئۆز جەمەتىگە ۋە ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان يېرىگە قايتسا بولىدۇ. 42 چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. ئۇلار قۇل ئورنىدا سېتىلمىسۇن. 43 ئۇلارغا زۇلۇم قىلماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار. 44 سىلەرگە قۇل ۋە دېدەكلەر كېرەك بولسا، ئەتراپتىكى ئەللەردىن سېتىۋېلىڭلار. 45 سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلىرىدىن سېتىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ مۈلكى قىلساڭلار بولىدۇ. 46 ئۇلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قالدۇرىدىغان مۈلكۈڭلار سۈپىتىدە مەڭگۈلۈك قۇل قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارغا رەھىمسىزلىك قىلماڭلار. 47 سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقتىن بولغان قوشناڭلارنىڭ قول ئىلكىدە بولۇپ، ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىقتىن ئۆزلىرىنى ئۇلارغا ياكى ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن بىرەرسىگە ساتقان بولسا، 48 ئۇلارنىڭ كېيىن ھۆر بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. 49 ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى باشقا قانداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلار پۇل تاپقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. 50 ئۇلار خوجايىنى بىلەن ھېسابلاشقاندا، ئۆزلىرى سېتىلغان يىلدىن تاكى قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلىسۇن، باھا شۇ يىللاردىكى مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققى بويىچە بېكىتىلسۇن. 51 ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار كۆپ بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى يۇقىرىراق بولىدۇ. 52 ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار ئاز بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى قالغان يىللارنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىپ تۆۋەنرەك بولىدۇ. 53 سېتىۋالغۇچىلار ئۇلارغا يىللىقچى ھېسابىدا مۇئامىلە قىلسۇن. سىلەر سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار. 54 قۇت يىلى كەلگۈچە، ئەگەر ئۇلار يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالالمىسا، قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆرلۈككە ئېرىشسۇن. 55 چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مېنىڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خىزمەتكارلىرىمدۇر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti