لاۋىيلار 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىھېيتنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن بەلگىلىگەن ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلىرى، دەپ جاكارلاڭلار. 3 ئالتە كۈن ئىش كۈنى، يەتتىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىش كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەيلى سىلەر قەيەردە ياشىماڭلار، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە تولۇق دەم ئېلىڭلار. 4 مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن تۆۋەندىكى كۈنلەرنى ھېيت كۈنلىرى دەپ جاكارلاڭلار.» ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتى 5 «1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 6 مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ماڭا ئاتالغان پېتىر نان ھېيتىدۇر. سىلەر ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. 7 بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 8 ماڭا ئاتاپ يەتتە كۈن تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. يەتتىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.» باش ھوسۇل ھەدىيەسى 9 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 10 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم زىرائىتىڭلارنى ئورىغاندا، تۇنجى باغلىمىنى روھانىيغا بېرىڭلار. 11 دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى روھانىي بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. شۇندىلا سىلەر قوبۇل قىلىنىسىلەر. 12 روھانىي ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەن شۇ كۈنى، سىلەر بىر ياشلىق بېجىرىم پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. 13 شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈپەتلىك ئۇندىن ئىككى كىلو ئېلىپ، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بىر لىتىر شارابنىمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 14 ماڭا ھەدىيە سۇنۇلمىغۇچە، يېڭى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلاردىن مەيلى نان، مەيلى قوماچ ياكى دان بولسۇن يېمەڭلار. سىلەر نەدە ياشىماڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.» ئورما ھېيتى 15 «دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن، يەنى سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ئېگىز كۆتۈرگەن كۈندىن باشلاپ، تولۇق يەتتە ھەپتە ھېسابلاڭلار. 16 ئەللىكىنچى كۈنى، يەنى يەتتىنچى قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى ماڭا تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلاردىن ھەدىيە سۇنۇڭلار. 17 مەيلى نەدە ياشىماڭلار، ھەربىر ئائىلە بويىچە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ ئىككى دانە نان يېقىپ، ئۇنى زىرائىتىڭلاردىن ئېلىنغان تۇنجى ھوسۇل سۈپىتىدە ماڭا ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن ئەكېلىڭلار. 18 شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىلەر بىرلىكتە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىڭلار. بۇلارنى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. 19 ئاندىن بىر تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئىككى تۇياق بىر ياشلىق قوينى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 20 روھانىي تۇنجى ھوسۇل ھەدىيەسىگە تەۋە نانلارنى ئىككى تۇياق قوي بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. ماڭا ئاتالغان بۇ مۇقەددەس نەرسىلەر روھانىيغا تەۋەدۇر. 21 بۇ كۈنى سىلەر ئىش قىلماي، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. مەيلى سىلەر نەدە ياشىماڭلار بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر. 22 ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. ئۇنى كەمبەغەللەرگە ۋە ئاراڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» بۇرغا چېلىش ھېيتى 23 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 24 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. بۇرغا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى ئەسلەپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. 25 بۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار. ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.» گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى 26 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 27 _ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدۇر. سىلەر بۇ كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەپسىڭلارنى يىغىڭلار، ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. 28 بۇ كۈن سىلەرنىڭ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا گۇناھىڭلاردىن ساقىت قىلىنىش كۈنۈڭلاردۇر. بۇ كۈنى ئىشلىمەڭلار. 29 بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 30 بۇ كۈنى ئىشلىگەنلەر مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن يوقىتىمەن. 31 سىلەر بۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش قىلماڭلار. نەدە ياشىماڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر. 32 بۇ كۈنى سىلەر نەپسىڭلارنى يىغىپ، تولۇق دەم ئېلىڭلار ۋە 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ ۋاقتىدىن باشلاپ، ئەتىسى كەچ كىرگۈچە دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىڭلار. كەپە تىكىش ھېيتى 33 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 34 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا يەتتە كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. 35 بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. 36 بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. سەككىزىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار ۋە ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىش كۈنىدۇر، ئىش قىلماڭلار. 37 يۇقىرىقىلار مەن پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن ھېيتلاردۇر. سىلەر بۇ ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى دەپ جاكارلاپ، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەلىرىنى، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار. 38 دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن سىرت يەنە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھېيتلارنىمۇ ئۆتكۈزۈڭلار. يۇقىرىدىكى مەنكى پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان ھەدىيەلەرنى قەسىمىڭلار بويىچە ۋە خالىس ھالدا سۇنىدىغان ھەدىيەلەر ھەمدە دائىملىق ھەدىيەلەردىن سىرت سۇنۇڭلار. 39 سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلۇڭلارنى ۋە مېۋىلىرىڭلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا يەتتە كۈن ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى ۋە سەككىزىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. 40 بىرىنچى كۈنى ئەڭ ياخشى مېۋىلەردىن ئۈزۈۋېلىڭلار. خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن، يوپۇرماقلىرى قويۇق بولغان دەرەخ شاخلىرىدىن ۋە دەريا بويىدىكى سۆگەت تاللىرىدىن ئېلىپ، كەپە تىكىڭلار ۋە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەتتە كۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. 41 ھەر يىلى 7-ئاينىڭ مۇشۇ يەتتە كۈنىدە ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر. 42 سىلەر يەتتە كۈن كەپىدە تۇرۇڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنداق قىلسۇن. 43 سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى كەپىدە تۇرغۇزغانلىقىمنى كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ بىلەلەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» 44 شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن بۇ ھېيتلارنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti