Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لاۋىيلار 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇقەددەس يېمەكلىكلەر

1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2 _ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

3 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرەرسى ناپاك تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىگە يېقىنلاشسا، ئۇ ئىبادەت جايىمدا قەتئىي خىزمەت قىلمىسۇن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

4 ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىكى تېرە كېسىلىگە ياكى جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما ئېقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىرى تاكى پاكلانغۇچە مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. جەسەت سەۋەبىدىن ناپاك بولغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەم، ئېھتىلام بولغان ئادەم،

5 ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ۋە ناپاك ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولغان ئادەم بولسۇن،

6 شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. بويىنى سۇغا سالمىغۇچە، مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.

7 كۈن ئولتۇرغاندا ئۇ پاكلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ يېمەكلىكىدۇر.

8 ئۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنى يەپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

9 روھانىيلار مەن جاكارلىغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. بولمىسا مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. بۇ گۇناھى ئۈچۈن گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

10 روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. مەيلى روھانىينىڭ مېھمىنى، مەيلى روھانىينىڭ چاكىرى بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.

11 لېكىن روھانىي سېتىۋالغان قۇل ياكى روھانىينىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇل مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ.

12 روھانىينىڭ قىزى روھانىيلاردىن باشقا كىشىگە ياتلىق قىلىنسا، روھانىينىڭ نېسىۋىسى بولغان مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.

13 ناۋادا روھانىينىڭ قىزى تۇل بولۇپ قالسا، ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىسى بولمىغانلىقتىن ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، قىزلىق دەۋرىدىكىدەك ئاتىسىنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن يېسە بولىدۇ. مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار يېمىسۇن.

14 ئەگەر بىرى مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن ئۇقۇشماي يەپ سالسا، مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ ئەسلى قىممىتىگە يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، روھانىيغا تۆلەپ بەرسۇن.

15-16 روھانىيلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى روھانىي بولمىغانلارنىڭ ئۆز مەيلىچە يېيىشىگە يول قويۇپ، يېمەكلىكلەرنى ھارام قىلمىسۇن. بولمىسا، يېمەكلىكلەرنى يېگەن كىشىلەر گۇناھكار ھېسابلىنىپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەن يېمەكلىكلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.


قوبۇل بولىدىغان قۇربانلىقلار

17 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

18 _ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەمدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار،

19 بىر تۇياق بېجىرىم بۇقا، قوچقار ياكى تېكە سۇنۇڭلار، شۇندىلا قۇربانلىقىڭلار قوبۇل بولىدۇ.

20 بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنساڭلار، قوبۇل بولمايدۇ.

21 ئەگەر بىرىڭلار ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، چوقۇم كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭلارنىڭ بېجىرىم ۋە ساغلاملىرىدىن سۇنۇڭلار.

22 قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، زەخىملەنگەن، يىرىڭلىق يارا ۋە قوتۇر باسقان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلماڭلار. بۇلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇشقا بولمايدۇ.

23 لېكىن خالىس ھالدا قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار، بىر پاچىقى قىسقا ياكى ئۇزۇن بولغان كالا ياكى قوينى سۇنساڭلار بولىدۇ. لېكىن ئىچكەن قەسىمىڭلارغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنماڭلار. بۇنى مەن پەرۋەردىگار قوبۇل قىلمايمەن.

24 ئۇرۇقدېنى زەخىملەنگەن، ئېزىلگەن، يىرتىلغان ياكى پىچىۋېتىلگەن ھايۋانلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. زېمىنىڭلاردا بۇنداق ئىشلارغا يول قويماڭلار.

25 بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى يات خەلقلەردىن سېتىۋېلىپ، ماڭا ئاتالغان يېمەكلىك سۈپىتىدە سۇنماڭلار. چۈنكى ئۇ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قوبۇل بولمايدۇ.»

26 پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:

27 _ يېڭى تۇغۇلغان موزاي، قوزا ۋە ئوغلاقلار يەتتە كۈن ئانىسىغا ئەگىشىپ يۈرسۇن، سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، بۇ قوبۇل بولىدۇ.

28 مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكە بولسۇن، ئانىسى بىلەن بالىلىرىنى بىر كۈندە بوغۇزلاشقا بولمايدۇ.

29 ماڭا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا قۇربانلىقىڭلارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، مەن سىلەرگە جاكارلىغان بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار.

30 قۇربانلىقنى شۇ كۈنى يەپ تۈگىتىڭلار، ئىككىنچى كۈنى سەھەرگە ئېشىپ قالمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

31 ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

32 مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار. ئىسرائىللار مېنى مۇقەددەس دەپ بىلسۇن، مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

33 مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan