لاۋىيلار 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىروھانىيلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەر 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ھارۇننىڭ روھانىي ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، روھانىيلار خەلق ئارىسىدىكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەسىتىگە تېگىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن. 2 ئۇلار پەقەت ئۆزى بىلەن قانداش بولغان ئاتا-ئانىسى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى، 3 تېخى ياتلىق بولمىغان ئاچا-سىڭىللىرى سەۋەبىدىن ناپاك بولسا بولىدۇ. 4 لېكىن ئۇلار خەلقنىڭ باشلامچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ جەسىتى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى بۇلغىسا بولمايدۇ. 5 ئۇلار ھازىدار بولغاندا چېچىنى چۈشۈرمىسۇن، ساقاللىرىنىڭ يانلىرىنى قىرقىمىسۇن، تەنلىرىنى تىلمىسۇن. 6 ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن. 7 روھانىيلار بۇلغانغان پاھىشە ئاياللارنى ياكى ئاجراشقان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالمىسۇن، چۈنكى روھانىيلار مېنىڭ نەزىرىمدە پاكتۇر. 8 سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 9 روھانىيلارنىڭ قىزلىرى زىنا قىلىپ ئۆزلىرىنى بۇلغىسا، ئاتىلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. 10 روھانىيلارنىڭ ئىچىدىكى بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، مۇقەددەس توننى كىيىپ، باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگۈچى ھازا تۇتۇش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۇۋۇپ، كىيىملىرىنى يىرتمىسۇن. 11 ئۇ ھەرقانداق جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن، ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ جەسىتى بولسىمۇ يېقىنلاشمىسۇن. ئۆزىنى بۇلغاشتىن ساقلىسۇن. 12 ئۇ ئىبادەت جايىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، دەپنە مۇراسىمىغا بارمىسۇن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس يېغىم بىلەن ماڭا بېغىشلانغاندۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 13 باش روھانىي يۈزى ئېچىلمىغان قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. 14 تۇل ئايالنى، ئاجراشقان ئايالنى، ياكى بۇلغانغان پاھىشەنى ئەمرىگە ئالمىسۇن. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدىكى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنى ئەمرىگە ئالغاندىلا، 15 پەرزەنتلىرى خەلق ئارىسىدا پاك ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۇنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 16 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 17 _ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھېچقايسىسى ماڭا ئاتاپ ھۇزۇرۇمغا يېمەكلىك ئەكەلمىسۇن. بۇنىڭغا كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭمۇ ئەمەل قىلسۇن. 18 جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھەممىسى، يەنى مەيلى قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، چىرايى بۇزۇلغان، پۇت-قوللىرى ئۇزۇن ئۆسۈپ قالغان، 19 قول-پۇتى سۇنغان، 20 دوك، پارپا، كۆزى ئەيىبلىك، قوتۇر ياكى قىچىشقاق بولسۇن، ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلىپ كەتكەن بولسۇن، ھېچقايسىسى ماڭا ھەدىيە سۇنمىسۇن. 21 روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغىنى ھۇزۇرۇمغا كېلىپ يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنمىسۇن. 22 لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ. 23 بىراق، ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغاچقا، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى پەردىگە ياكى چېدىر ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس بولغان جايلىرىمنى بۇلغايدۇ. مەن بۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 24 مۇسا بۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا تاپىلىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti