لاۋىيلار 19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىپاك ۋە ئادىل ياشاش توغرىسىدا 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن. 3 ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 4 بۇتلارغا سەجدە قىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئاتاپ قۇيما بۇت ياسىماڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 5 ماڭا ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن جاكارلىغان قائىدىلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن. 6 سۇنۇلغان قۇربانلىقلار شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى يەپ تۈگىتىلسۇن. ئەگەر ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، ھەممىسى كۆيدۈرۈلسۇن، 7 چۈنكى ئۇ سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يېيىلسە، مەن بۇنداق قۇربانلىقنى قوبۇل قىلمايمەن. 8 ئۇنى يېگەن ئادەم جازايىمغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ مەن مۇقەددەس دەپ بىلگەن قۇربانلىقنى بۇلغىدى. ئۇنداق كىشى خەلقنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. 9 ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. 10 ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەرنى پاك-پاكىز يىغىۋالماڭلار ھەم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈزۈملەرنى يىغماڭلار. ئۇلارنى ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرگە ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 11 ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلماڭلار. 12 مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلساڭلار، قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بولمىسا نامىمنى بۇلغايسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 13 باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماڭلار. ئادەم ئىشلەتسەڭلار، ھەققىنى شۇ كۈنى بېرىڭلار، ئەتىگە قالدۇرماڭلار. 14 گاسنى ھاقارەتلىمەڭلار، قارىغۇنى پۇتلىماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 15 ھەقىقەتنى بۇرمىلىماڭلار، ھەم نامراتلارغا يان باسماڭلار ھەم ھوقۇقدارلارغا خۇشامەت قىلماڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇڭلار. 16 باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار. باشقىلار ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ھاياتىغا زامىن بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 17 قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر. 18 ئۆچ ئالماڭلار، قېرىندىشىڭلارغا غۇم ساقلىماڭلار، باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 19 بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. ئوخشىمىغان تۈردىكى ھايۋانلارنى ئۆزئارا جۈپلەشتۈرمەڭلار. بىر ئېتىزغا ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇرۇق ئارىلاشتۇرۇپ چاچماڭلار، ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمەڭلار. 20 بىر كىشىگە نىكاھلىنىشقا پۈتۈشۈپ قويۇلغان دېدەك تېخى سېتىلمىغان ياكى ئازاد قىلىنمىغان ئەھۋالدا، باشقا بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتسا، ئۇ دېدەكنىڭ ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. لېكىن ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىسۇن، چۈنكى دېدەك تېخى ئازاد ئەمەستۇر. 21 دېدەك بىلەن بىرگە ياتقان ئادەم ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق قوچقارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن. 22 روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 23 سىلەر كەنئان زېمىنىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەندىن كېيىن، ئۈچ يىلغىچە مېۋىسىنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش مەنئى قىلىنسۇن. 24 تۆتىنچى يىلىدىكى مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى مەدھىيە ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتالسۇن. 25 بەشىنچى يىلى مېۋىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلساڭلار، مېۋىلىك دەرىخىڭلار تېخىمۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 26 قانسىرىمىغان گۆشنى يېمەڭلار. پال سالغۇزماڭلار ۋە ئەپسۇنمۇ ئوقۇتماڭلار. 27 چېكى چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، ساقىلىڭلارنىڭ يانلىرىنى قىرقىماڭلار. 28 ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھازا تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار. تېنىڭلارغا بەلگە سالماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 29 قىزىڭلارنى پاھىشەلىككە سېلىپ، ئۇنى خورلىماڭلار، بولمىسا زېمىنىڭلار بۇزۇقچىلىققا ۋە رەزىللىككە تولۇپ كېتىدۇ. 30 دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 31 ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلاردىن ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 32 مويسىپىت كىشىلەرنى كۆرگەندە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەڭلار. مەنكى خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 33 سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار، 34 ئۇلارنى ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردەك كۆرۈڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ بۇرۇن مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 35 ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە مىقدار ئۆلچەملىرىدە ئالدامچىلىق قىلماڭلار. 36 تارازاڭلار، تارازا تېشىڭلار، كۈرە ۋە كەمچىنىڭلار توغرا بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. 37 مېنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti