لاۋىيلار 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتېرە كېسىلىدىن پاكلىنىش توغرىسىدا 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ تېرە كېسىلىدىن ساقايغۇچىنىڭ پاكلىنىش مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ساقايغاندىن كېيىن، روھانىي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، 3 ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. روھانىي كېسەلنىڭ ساقايغانلىقىنى بايقىسا، 4 ئۇنى پاكلاش ئۈچۈن، ئىككى دانە ھالال قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئەكېلىشكە بۇيرۇسۇن. 5 روھانىي قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلاشنى بۇيرۇسۇن. 6 ئاندىن روھانىي ئىككىنچى قۇشنى قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە لېپەكگۈل بىلەن بىرلىكتە قۇشنىڭ قېنى ئارىلاشقان سۇغا چىلىسۇن. 7 ئاندىن قاننى پاكلىنىدىغان كىشىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم چېچىپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇشنى دالاغا قويۇۋەتسۇن. 8 پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن. 9 يەتتىنچى كۈنى يەنە چاچ-ساقىلى، قاشلىرى ۋە بەدىنىدىكى پۈتۈن تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتسۇن ۋە كىيىم-كېچىكىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئاندىن بۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ. 10 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغى ئېلىپ كەلسۇن. 11 پاكلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان روھانىي پاكلانغۇچىنى ۋە قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. 12 ئاندىن ئەركەك پاقلاننىڭ بىرىنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇنى بىر پىيالە زەيتۇن يېغى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. 13 پاقلاننى روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، يەنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا بوغۇزلىسۇن. ئەيىب قۇربانلىقى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئوخشاش روھانىيغا مەنسۇپ بولۇپ، ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 14 روھانىي ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتۈپ قويسۇن. 15 روھانىي يەنە سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا زەيتۇن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ، 16 ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. 17 ئاندىن ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە، يەنى پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتسۇن. 18 روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى يەنە پاكلانغۇچىنىڭ بېشىغا سۈرتسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. 19 ئاندىن روھانىي بىر ياشلىق ساغلىقنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلىپ، پاكلانغۇچىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئاتالغان يەنە بىر ئەركەك پاقلاننى بوغۇزلاپ، 20 ئۇنى ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن بىرگە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن ۋە ئۇ كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن، شۇندىلا ئۇ كىشى پاكلىنىدۇ. 21 ئەگەر ئۇ نامرات بولۇپ، بۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ناپاكلىقىدىن پاكلىنىشى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق ئەركەك پاقلاننى سۇنسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 22 ئۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن. 23 سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن. 24 روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلان ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. 25 ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلاننى بوغۇزلاپ، قېنىنى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتۈپ قويسۇن. 26 روھانىي سول ئالىقىنىغا زەيتۇن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ، 27 ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. 28 ئۇنىڭدىن كېيىن ئالىقىنىدىكى زەيتۇن يېغىدىن ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا، يەنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە سۈرتسۇن. 29 روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئۇنىڭ بېشىغا سۈرتۈپ، ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. 30 ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، 31 بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇلارغا يەنە ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ قوشسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. 32 بۇلار تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، لېكىن پاكلىنىش رەسمىيىتىگە كېرەكلىك قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىگەن كىشىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەردۇر. كۆكەرگەن ئۆينى پاكلاش توغرىسىدا 33 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: 34 _ سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىن كەنئانغا بارغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى كۆكەرتىپ قويسام، 35 ئۆي ئىگىسى: «مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تاملىرى كۆكىرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ» دەپ روھانىيغا مەلۇم قىلسۇن. 36 ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ناپاك دەپ ئېلان قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، روھانىي ئۆينى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئۆينى بوشاتقۇزسۇن. ئاندىن روھانىي ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ كۆكەرگەن يېرىنى تەكشۈرسۇن. 37 تامدا سۇس يېشىل ياكى قىزغۇچ رەڭدىكى ئالامەتلەر بايقالسا ھەم تامنىڭ ئىچىگە قاراپ يېيىلغان بولسا، 38 روھانىي ئۆينى يەتتە كۈن پېچەتلىسۇن. 39 يەتتىنچى كۈنى روھانىي ئۆينى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرسۇن، ئەگەر ئۆينىڭ تاملىرىدىكى كۆك يېيىلىپ كەتكەن بولسا، 40 كۆك يېيىلىپ كەتكەن جايدىكى تاشلارنى چىقىرىپ، شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تاشلاشقا ئەمر قىلسۇن. 41 ئۆي ئىچىدىكى تاملارنىڭ سۇۋاقلىرىنى قىرىپ چۈشۈرۈپ، شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تۆكۈشكە ئەمر قىلسۇن. 42 ئاندىن باشقا تاشلار ئەسلىدىكى چىقىرىۋېتىلگەن تاشلار ئورنىغا قويۇلۇپ، ئۈستى لاي بىلەن يېڭىدىن سۇۋالسۇن. 43 تاشلار چىقىرىۋېتىلىپ، سۇۋاقلىرى قىرىلىپ، يېڭىدىن سۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە يەنە كۆكىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، 44 روھانىي بېرىپ تەكشۈرسۇن. ئەگەر تامدىكى كۆك ئەتراپىغا يامراپ كەتكەن بولسا، ئۇ يامان سۈپەتلىك كۆكتۇر، ئۆي ناپاك ھېسابلانسۇن. 45 ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆينى بۇزۇپ، تاش، ياغاچ، كاكىللىرىنى شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تاشلىۋەتسۇن. 46 ئۆي پېچەتلەنگەن مەزگىلدە ھەرقانداق ئادەم ئۇ ئۆيگە كىرسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. 47 ئاشۇ ئۆيدە تۇرغان، تاماق يېگەنلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيسۇن. 48 لېكىن روھانىي بېرىپ يېڭىدىن سۇۋالغان ئۆينى تەكشۈرۈپ، ئۆينىڭ تاملىرىدا كۆك بايقىمىسا، ئۆينى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى تامدىكى كۆك يوقالغاندۇر. 49 روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىغا ئىككى قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ كەلسۇن. 50 ئاندىن قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلىسۇن. 51 ئۇنىڭدىن كېيىن ساپال قاچىغا قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ، لېپەكگۈل ۋە ئىككىنچى تىرىك قۇشنى چىلاپ، قان تېمىتىلغان سۇنى ئۆيگە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. 52 روھانىي مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆينى پاكلىسۇن. 53 ئاندىن تىرىك قۇشنى شەھەر سىرتىدىكى دالاغا قويۇۋەتسۇن. روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزسە، ئۆي پاكلانغان بولىدۇ. 54 يۇقىرىدىكىلەر تېرە كېسىلى، تەمرەتكە، 55 كىيىم-كېچەكلەرنىڭ پاختىلىشىشى ۋە ئۆيلەرنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى، 56 ئىششىق، تاشما ياكى ئاق داغ ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر. 57 يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر پاك ياكى ناپاكلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti