لاۋىيلار 13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى 1 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: 2 _ ئەگەر بىرسىنىڭ تېرىسىدە ئىششىق، تاشما، ئاق داغ پەيدا بولۇپ، تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇ روھانىي ھارۇن ياكى ئۇنىڭ روھانىي ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلسۇن. 3 روھانىي بەدەندىكى كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، بۇ تېرە كېسىلىدۇر. روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. 4 ئەگەر كېسەل ئورنىدا ئاق داغلار پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. 5 يەتتىنچى كۈنى روھانىي كېسەل ئورنىنى يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىدا يامانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، كېسەل ئورنى كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى جامائەتتىن يەنە يەتتە كۈن ئايرىۋەتسۇن. 6 يەتتىنچى كۈنى روھانىي كېسەل ئورنىنى يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ، كېسەل ئورنى كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى پاك دەپ، ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭ كېسىلى پەقەت تېرە تاشمىسى بولۇپ، كىيىمىنى يۇيۇۋەتسىلا پاكلىنىدۇ. 7 لېكىن روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېرە تاشمىسى كېڭىيىپ كەتسە، ئۇ چوقۇم روھانىيغا يەنە كۆرۈنسۇن. 8 روھانىي تەكشۈرۈش جەريانىدا تېرە تاشمىسىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى بۇ تېرە كېسىلىدۇر. 9 ئەگەر بىرسى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، چوقۇم روھانىينىڭ ئالدىغا ئاپىرىلسۇن. 10 روھانىي ئۇنىڭ تېرىسىدە ئاق ئىششىق، تۈكلىرى ئاقىرىپ كېتىش ۋە جاراھىتى ئېچىلىپ قېلىش ئالامەتلىرىنى بايقىسا، 11 بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسىلىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنى جامائەتتىن ئايرىۋېتىپ، قايتا تەكشۈرۈش زۆرۈر ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئېنىقلا تېرە كېسىلىدۇر. 12 ئەگەر تېرە كېسىلى يامراپ، بېشىدىن تارتىپ تاكى پۇتىغىچە ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، 13 روھانىي ئۇنى قايتىدىن تەكشۈرسۇن. ناۋادا روھانىي تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن. 14 ئەگەر ئۇنىڭ تېنىدىكى جاراھىتى ئېچىلىپ قالغان بولسا، ئۇ ناپاكتۇر. 15 روھانىي ئېچىلىپ قالغان جاراھەتنى كۆرگەن ھامان ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇنىڭ تېنىدىكى ئاشۇ جاراھەت تېرە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر. 16 ئەگەر ئېچىلىپ قالغان جاراھەت ساقىيىشقا يۈزلىنىپ، ئاقىرىشقا باشلىسا، روھانىينىڭ ئالدىغا كەلسۇن. 17 روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، جاراھەت ئورنىنىڭ ھەقىقەتەن ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن، ئۇ پاكتۇر. 18 ئەگەر بىرسىگە چىقان چىقىپ، ساقىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، 19 لېكىن چىقاننىڭ ئورنىدا ئاق رەڭلىك ئىششىق ياكى قىزغۇچ ئاق داغ پەيدا بولغان بولسا، روھانىيغا كۆرۈنسۇن. 20 روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى، بۇ چىقاننىڭ تېرە كېسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. 21 لېكىن روھانىي تەكشۈرگەن ۋاقتىدا چىقان چىققان ئورۇندا ئاق تۈك، تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كېتىش ئالامىتى بولماي، تېرىسىنىڭ رەڭگى سۇسلاپ كەتكەن بولسا، ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. 22 ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلىدە، كېسەللىك يېيىلىپ كەتسە، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر. 23 ئەگەر كېسەل ئورۇندىكى داغ ئەسلىدىكىدىن ئۆزگەرمىسە، كېڭىيىپمۇ كەتمىسە، بۇ چىقاندىن قالغان بىر ئىزدۇر. روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن. 24 ئەگەر بىرسى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغاندىن كېيىن كۆيگەن يېرى قىزغۇچ ئاق ياكى ئاق رەڭگە ئۆزگىرىپ قالسا، 25 كۆيگەن يېرىنى روھانىيغا تەكشۈرتسۇن. ئەگەر كۆيگەن يېرىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتكەن بولسا، كۆيۈك يارىسىنىڭ تېرە كېسىلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر. 26 ئەگەر كۆيگەن يەردىكى تۈكلەر ئاقارماي، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتمەي، پەقەت رەڭگى سۇسلاپ قالغان بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. 27 يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كۆيۈك يارىسىنىڭ يېيىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر. 28 ئەگەر كۆيۈك يارىسى يامانلاشمىغان، كېڭىيىپ كەتمىگەن ۋە رەڭگى ئەسلىگە قايتىشقا باشلىغان بولسا، بۇ پەقەت كۆيۈكتىن قالغان ئىششىقتۇر. روھانىي ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى ئۇ پەقەت كۆيۈكتىن قالغان بىر ئىزدۇر. 29 ئەگەر ئەر ۋە ئاياللارنىڭ بېشى ياكى ئىڭىكىدە يارا پەيدا بولۇپ قالسا، 30 روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتكەن، يارا ئۈستىدىكى تۈكلەرمۇ سارغىيىپ، ئىنچىكىلەپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئادەمنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بېشى ياكى ئىڭىكىدە پەيدا بولغىنى تەمرەتكە بولۇپ، تېرە كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. 31 لېكىن روھانىي تەكشۈرگەندە، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن ئەمما قارا تۈكلەر قالمىغان بولسا، ئۇ كىشىنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. 32 يەتتىنچى كۈنى روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تەمرەتكىنىڭ كېڭىيىپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۈستىدە سېرىق تۈكمۇ يوقلۇقىنى ھەم تەمرەتكىنىڭ تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىسا، 33 ئۇ ئادەم چېچىنى، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن، لېكىن تەمرەتكە ئورنىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتمىسۇن. روھانىي ئۇنى يەنە يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. 34 يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تەمرەتكىنىڭ كېڭىيىپ كەتمىگەنلىكىنى ھەم تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇ ئادەمنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. لېكىن ئۇ ئادەم كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن ئۇ پاكلىنىدۇ. 35 ئۇ ئادەم پاكلانغاندىن كېيىن، تەمرەتكە يەنە پەيدا بولۇپ كېڭىيىپ كەتسە، 36 روھانىي ئۇنى يەنە تەكشۈرسۇن. ئەگەر تەمرەتكە ھەقىقەتەن كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، روھانىي يەنە كېسەل بولغان ئورۇندىن سېرىق تۈك ئىزدەپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئادەم ناپاكتۇر. 37 ئەگەر روھانىي تەمرەتكىنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، تەمرەتكە بولغان ئورۇنغا قارا تۈكلەرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرسە، ئۇ ئادەمنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بۇ، تەمرەتكىنىڭ ساقىيىپ، ئۇ ئادەمنىڭ پاكلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 38 ئەگەر ئەر ۋە ئاياللارنىڭ تېرىسىدە ئاق داغ پەيدا بولۇپ قالسا، 39 روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر داغ رەڭگى سۇس ئاق رەڭلىك بولسا، ئۇ پەقەت تاشمىدۇر، ئۇ كىشى پاكتۇر. 40 ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ كەينى چۈشۈپ كەتسە، پاك ھېسابلىنىدۇ. 41 ماڭلاي چېچى چۈشۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا پاك ھېسابلىنىدۇ. 42 ئەگەر چاچ چۈشۈپ كەتكەن يەردە قىزغۇچ ئاق يارا پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇ تېرە كېسىلىنىڭ باشلىنىشىدۇر. 43 روھانىي كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، جاراھەت ئورنىدا قىزغۇچ ئاق ئىششىق بايقىسا ۋە قارىماققا تېرە كېسىلىدەك كۆرۈنسە، 44 ئۇ كىشى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ، ئۇ كىشى ناپاكتۇر. روھانىي ئۇ كىشىنى بېشىدىكى يارىسى سەۋەبىدىن ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. 45 تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كىيىملىرىنى يىرتىپ، چېچىنى چۇۋۇپ، يۈزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى يېپىۋېلىپ: «ناپاكتۇرمەن، ناپاكتۇرمەن!» دەپ ۋارقىرىسۇن. 46 كېسىلى ساقايمىغۇچە ئۇ ناپاك بولۇپ، قارارگاھ سىرتىدا جامائەتتىن ئايرىلىپ تۇرسۇن. نەرسە-كېرەكلەرنىڭ پاختىلىشىپ قېلىشى 47 _ ئەگەر كىيىم-كېچەكتە پاختىلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەيلى ئۇ يۇڭ ياكى زىغىر رەختتە تىكىلگەن كىيىم بولسۇن، 48 يۇڭ ياكى زىغىر تالاسىدا توقۇلغان رەخت بولسۇن، مەيلى ئۇ خۇرۇم ۋە خۇرۇمدا تىكىلگەن بۇيۇم بولسۇن، 49 ھەممىسىدە سۇس يېشىل ياكى قىزغۇچ داغلار پەيدا بولسا، ئۇنى پاختىلىشىپ قالغان ھېسابلاپ، روھانىيغا تەكشۈرتسۇن. 50 روھانىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇنداق كىيىملەرنى يەتتە كۈن ئايرىم قويۇشقا بۇيرۇسۇن. 51 يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ، ئەگەر كىيىم-كېچەك، توقۇلما ياكى خۇرۇم نەرسىلەردە پاختىلىشىشنىڭ يامراش ئەھۋالىنى بايقىسا، ئۇ نەرسىلەر ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 52 مەيلى قايسى خىل كىيىم بولسۇن، ياكى قوي يۇڭىدا، زىغىر تالاسىدا تىكىلگەن نەرسە ياكى خۇرۇمدا قىلىنغان نەرسە بولسۇن، روھانىي ئۇنى چوقۇم كۆيدۈرۈۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن پاختىلىشىپ قالغاندۇر. پاختىلىشىپ قالغان كىيىم-كېچەك، نەرسىلەر چوقۇم كۆيدۈرۈپ تاشلانسۇن. 53 ئەگەر كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇملار ياكى خۇرۇمدىكى پاختىلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى يامراپ كەتمىگەن بولسا، 54 روھانىي ئۇنى يۇيۇشقا ۋە يەنە يەتتە كۈن ئايرىم قويۇشقا بۇيرۇسۇن. 55 شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي يۇيۇلغان نەرسىلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەسلىدىكى كۆكەرگەن داغلار يامرىمىغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆكەرگەن رەڭگى ئۆزگەرمىسە، ئۇ نەرسىلەر يەنىلا ناپاكتۇر. پاختىلىشىپ قالغان جاي كىيىمنىڭ ئىچى ياكى تېشىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىيىم كۆيدۈرۈلسۇن. 56 روھانىي يۇيۇلغان نەرسىلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، پاختىلىشىپ قالغان يەرنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، كىيىم-كېچەكنىڭ، خۇرۇمنىڭ، توقۇلما بۇيۇملارنىڭ ئاشۇ يېرىنى كېسىپ ئېلىۋەتسۇن. 57 لېكىن بۇ كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇملاردا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى يەنە كۆرۈلسە ۋە كېڭىيىپ كەتسە، ئۇلار كۆيدۈرۈلسۇن. 58 يۇيۇلغاندىن كېيىن كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇملاردىكى داغلار يوقالغان بولسا، يەنە بىر قېتىم يۇيۇلسۇن. شۇندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ. 59 يۇڭ كىيىم، زىغىر رەخت كىيىم، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇم بۇيۇملاردا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بۇ نەرسىلەرنىڭ پاك ياكى ناپاك ئىكەنلىكىنى بېكىتىڭلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti