لاۋىيلار 12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىتۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ پاكلىنىشى 1 پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: 2 _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر ئايال ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 3 ئوغۇل بوۋاق سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنسۇن. 4 تۇغۇتلۇق ئايال يەنە ئوتتۇز ئۈچ كۈندىن كېيىن قاندىن پاكلىنىدۇ. قىرىقى توشمىغۇچە ئۇ ئايال ھەرقانداق مۇقەددەس نەرسىگە يېقىن كەلمىسۇن، ئىبادەت جايغىمۇ كىرمىسۇن. 5 ئەگەر ئايال قىز تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئون تۆت كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئاتمىش ئالتە كۈندىن كېيىن، قان كېلىشتىن پاكلىنىدۇ. 6 تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاكلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن بىرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، پاختەك ياكى ياش كەپتەردىن بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. 7 روھانىي ئايالنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئايال قاندىن پاكلىنىدۇ. بۇ ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. 8 ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti