Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

لاۋىيلار 11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ھالال ۋە ھارام ھايۋانلار

1 پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

2 _ ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار: «يەر يۈزىدىكى جانلىقلاردىن

3 تۇيىقى ئاچىماق ھەم كۆشەيدىغان ھەرقانداق ھايۋانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.

4 لېكىن پەقەت كۆشەيدىغان ياكى پەقەت تۇيىقى ئاچىماق ھايۋان بولسىلا يېسەڭلار بولمايدۇ. تۆگە ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ.

5 سۇغۇر ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ.

6 ياۋا توشقان ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ.

7 چوشقا ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەيدۇ.

8 ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھارامدۇر.

9 دېڭىز ۋە دەريادىكى قاناتلىق ۋە قاسراقلىق جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.

10 لېكىن دېڭىز ۋە دەريادىكى ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلاردىن يىرگىنىڭلار.

11 ئۇلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار، ئۇلارنى يېمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىدىنمۇ يىرگىنىڭلار.

12 سۇدا ياشايدىغان ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.

13 تۆۋەندىكى قۇشلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار ھەم قەتئىي يېمەڭلار: بۈركۈت، بارلىق تاپ قۇشلىرى،

14 ھەر خىل سار ۋە لاچىن،

15 قاغا-قۇزغۇنلار،

16-18 ھەر خىل ھۇۋقۇش، چايكا، شۇڭقار تىپىدىكى قۇشلار، قارونا، تازقارا،

19 لەيلەك، قوتان تىپىدىكى قۇشلار، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ.

20 كۆپ پۇتلۇق ھەم قاناتلىق ھاشارەتلەردىن يىرگىنىڭلار.

21 پەقەت ھەم ئۇچىدىغان ھەم سەكرەيدىغان ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ.

22 مەسىلەن: چېكەتكە ۋە قارا چېكەتكە تىپىدىكى ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ.

23 باشقا بارلىق قاناتلىق ھەم ئۆمىلەيدىغان ھاشارەتلەر سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.

24 تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

25 ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. لېكىن يەنىلا كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

26 تۇيىقى ئاچىماق بولمىغان ھەم كۆشىمەيدىغان ھەرقانداق ھايۋاننى ھارام ھېسابلاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاك ھېسابلىنىدۇ.

27 تۆت پۇتتا ماڭىدىغان تاپانلىق ھايۋانلار ھارامدۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

28 ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ھايۋانلار ھارامدۇر.

29-30 ئۆمىلىگۈچى جانلىقلاردىن ئاغمىخان، چاشقان، پاتمىچۇق، سالما، ۋاران كەسلەنچۈكى، باشقا ھەر خىل كەسلەنچۈكلەر ۋە خامېلېئون ھارامدۇر.

31 يۇقىرىقى ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

32 ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.

33 ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ساپال قاچىنىڭ ئىچىگە چۈشسە، ئىچىدىكى ھەرقانداق نەرسە ھارام بولىدۇ. سىلەر چوقۇم ئۇ ساپال قاچىنى چېقىۋېتىڭلار.

34 ئەگەر ئۇ ساپال قاچىدىكى سۇ يېمەكلىككە تېمىپ كەتسە، يېمەكلىك ھارامدۇر. ئىچىملىككە تېمىپ كەتسە، ئىچىملىكمۇ ھارامدۇر.

35 بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى قانداق نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇ نەرسە ناپاكتۇر، مەيلى تونۇر ياكى ئوچاق بولسۇن، چېقىۋېتىلسۇن. ئۇلار ناپاكتۇر. سىلەر ئۈچۈن ناپاكتۇر.

36 لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى بۇلاق ياكى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتسە، سۈيى يەنىلا ھالالدۇر، بىراق ئۆلۈككە تەگكەن كىشى ناپاكتۇر.

37 ئەگەر بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى تېرىلماقچى بولغان ئۇرۇقنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇرۇق يەنىلا ھالالدۇر.

38 لېكىن ئۇرۇق سۇغا چىلاقلىق بولۇپ، ئۆلۈك ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتسە، بۇنداق ئۇرۇق ھارامدۇر.

39 ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھالال ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

40 ئۇنىڭ گۆشىنى يېگەن ياكى ئۆلۈكىنى يۆتكىگەن كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن، لېكىن يەنىلا شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

41 ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر، ئۇلارنى يېمەڭلار،

42 يەنى يەر بېغىرلىغۇچى، تۆت پۇتلۇق، كۆپ پۇتلۇق ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يېمەڭلار، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.

43 بۇنداق جانلىقلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، ناپاك بولماڭلار.

44 مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار، پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار.

45 مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. سىلەر پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن.

46 يۇقىرىدىكىلەر ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان، سۇدا ئۈزىدىغان، يەردە ئۆمىلەيدىغان جانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردۇر.

47 نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام، نېمىنى يېسە بولىدىغان، نېمىنى يېسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىۋېلىڭلار.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan