مەرسىيەلەر 5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5-مەرسىيە: يېرۇسالېمنىڭ ئىلتىجاسى 1 ئى پەرۋەردىگار، يادىڭدا تۇت بېشىمىزغا كەلگەنلىرىنى، كۆرۈپ قوي تارتقان خورلۇقلىرىمىزنى. 2 ياتلارغا تاپشۇردۇڭ ئۆزۈڭ بەرگەن زېمىنىمىزنى، يات خەلقلەرگە بەردىڭ ئۆيىمىزنى. 3 بىز ئايلاندۇق ئاتىسىز يېتىم بالىغا، ئانىلىرىمىز ئايلاندى تۇل خوتۇنغا. 4 ئۆز سۈيىمىزنى سېتىۋالىمىز پۇلغا، پۇل تۆلەيمىز ئۆز ئوتۇنىمىزغا. 5 دۈشمەن قوغلاپ، قويمىدى ھالىمىزنى، چارچىدۇق، يوقاتتۇق خاتىرجەملىكىمىزنى. 6 ئېرىشمەك ئۈچۈن تاماققا، باش ئەگدۇق مىسىر ۋە ئاسسۇرغا. 7 گۇناھ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ئەجدادلىرىمىز، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ جازاسىنى تارتماقتىمىز. 8 بىزگە خوجايىن بولدى قۇللار، ئۇلاردىن بىزنى كىم قۇتقۇزار؟ 9 دالالار تولۇپ كەتكەن بۆكتۈرمىگە، يېمەكلىك تاپىمىز تەۋەككۈل قىلىپ خەتەرگە. 10 ئاچلىقتىن ئۆرلەپ قىزىتمىمىز، تونۇردەك قىزىيدۇ تېنىمىز. 11 سىئوندا زوراۋانلىققا ئۇچرايدۇ ئاياللار، يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ئاياغ ئاستى قىلىنار قىزلار. 12 ئىككى قولىدىن ئېسىپ قويۇلار يولباشچىلار، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ ئاقساقاللار. 13 قۇل بولۇپ يارغۇنچاقتا ئۇن تارتار ياش يىگىتلىرىمىز، ئوتۇن يۈدۈپ دەلدەڭشىپ يۈرۈشەر ئوغۇل بالىلىرىمىز. 14 شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرمايدۇ ئەمدى ئاقساقاللار، ساز چېلىپ نەغمە قىلمايدۇ ياشلار. 15 قەلبىمىزدىن يوقالدى خۇشاللىقىمىز، ماتەم يىغىسىغا ئايلاندى ئۇسسۇلىمىز. 16 شەرەپ تاجى يوق ئەمدى بېشىمىزدا، چۈنكى بىز گۇناھ قىلدۇق، ۋاي ئەمدى ھالىمىزغا! 17 دەرد-ئەلەمگە تولدى قەلبىمىز، يىغلاۋېرىپ خىرەلەشتى كۆزىمىز. 18 چۈنكى قاقاسلىققا ئايلاندى سىئون تېغى، چىلبۆرىگە ماكان بولدى ھەممە يېرى. 19 لېكىن ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈم سۈرىسەن مەڭگۈگە، تەختىڭ داۋاملىشىدۇ دەۋردىن-دەۋرگە. 20 نىچۈن تامام ئۇنتۇدۇڭ بىزنى، نىچۈن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت تاشلىدىڭ بىزنى؟ 21-22 ئەگەر بىزگە ئەبەدىي غەزەپلەنمىگەن ۋە بىزدىن ۋاز كەچمىگەن بولساڭ، ئى پەرۋەردىگار، قايتۇرۇپ كەل بىزنى يېنىڭغا، قايتايلى بىزمۇ ساڭا، ئۆتۈنەيلى، قايتۇر بىزنى ئاشۇ پارلاق زامانغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti