مەرسىيەلەر 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4-مەرسىيە: ۋەيران بولغان يېرۇسالېم 1 ئاھ، ئالتۇن يوقاتقان جۇلاسىنى، ساپ ئالتۇنمۇ ئۆزگەرتكەن رەڭگىنى! ئىبادەتخانىنىڭ تاشلىرى چېچىلغان كوچىلارغا. 2 ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى سىئون ئوغۇللىرى ئەسلىدە، ئەمدى بولدى كۇلالچىنىڭ ھېجىرىدەك قەدىرسىز بۈگۈندە! 3 چىلبۆرىمۇ ئۆز بالىسىنى ئېمىتەر، لېكىن خەلقىم تۆگىقۇشتەك بالىلىرىنى تەرك ئېتەر. 4 ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىغان بوۋاقلارنىڭ تىللىرى چاپلىشىپ قالغان تاڭلىيىغا، نان سورىسا تىلەمچىلىك قىلىپ بالىلار، بىر بۇردا نان بەرمەس ھېچكىم ئۇلارغا. 5 بىر چاغلاردا ئېسىل يېمەكلىكلەرنى يېگەنلەر، ئەمدى بۈگۈن كوچىلاردا ئاچلىقتىن ئۆلەر. قىممەت باھالىق توق قىزىل لىباس ئارتقانلار، ئەمدى كۈل دۆۋىلىرىنى ماكان قىلار. 6 ھېچكىم ھۇجۇم قىلمىسىمۇ سودوم شەھىرىگە، سودوم شەھىرى تۇيۇقسىز ۋەيران بولدى. ۋاھالەنكى، خەلقىمنىڭ جازاسى سودوم شەھىرىدىن ئېغىر بولدى. 7 سىئوننىڭ يولباشچىلىرى قاردىنمۇ پاك، سۈتتىنمۇ ئاق ئىدى. تەنلىرى قىزىل ياقۇتتىنمۇ پارقىراق، تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك گۈزەل ئىدى. 8 ھازىر ئۇلارنىڭ چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا ئىدى، كوچىدا ھېچكىم تونۇمايتتى. بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ تېنى، قۇرۇق قاقشال بولغانىدى. 9 ئاچلىقتا ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر جەڭدە ئۆلگەنلەر، قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتەر ئاچلىقتا ئۆلگەنلەر. 10 خەلقىم ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىدا، ئۆز بالىسىنى پىشۇرۇپ يېدى مېھرىبان ئانا. 11 قەھر-غەزەپكە كېلىپ پەرۋەردىگار، چاچتى ئوتلۇق قەھرىنى. ئوت كېتىپ سىئونغا، كۆيدۈردى پۈتۈن شەھەرنى. 12 پادىشاھ ۋە خەلقلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىشەنمەيتتى دۈشمەننىڭ يېرۇسالېم شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ كىرەلەيدىغانلىقىغا. 13 لېكىن بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى. چۈنكى گۇناھ قىلدى يېرۇسالېمنىڭ پەيغەمبەرلىرى، ھەققانىيلارنىڭ قېنىنى تۆكتى شەھەردە روھانىيلىرى. 14 خۇددى كور ئادەمدەك يۈرۈپ كوچىلاردا ئۇلار، پۈتۈن تېنىنى بۇلغىدى قاندا، ھېچكىم جۈرئەت قىلالماس تېگىپ كېتىشكە ئۇلارغا. 15 كىشىلەر ۋارقىرىشىپ ئۇلارغا: «يوقىلىش، ئەي ناپاكلار، يوقىلىش، يوقىلىش، تېگىپ كېتىشمە بىزگە!» دېيىشەر. شۇڭا سەرسان، سەرگەردان بولدى ئۇلار. يات خەلقلەرمۇ: «بۇ يەردە تۇرۇشما» دەپ ھەيدىشەر. 16 پەرۋەردىگار ئۆزى قوغلاپ چىقاردى ئۇلارنى، غەمخورلۇق قىلماس ئەمدى ئۇلارغا. كىشىلەر ھۆرمەت بىلدۈرمەس روھانىيلارغا، مەرھەمەت كۆرسەتمەس ئاقساقاللارغا. 17 بىھۇدە كۈتىۋېرىپ، تالدى كۆزىمىز، دەرۋەقە، بىزگە ياردەم بېرەلمەيدىغان بىر ئەلگە ئۈمىد باغلىغان ئىكەنمىز. 18 ئىز بېسىپ قوغلاپ يۈرەر دۈشمىنىمىز، كوچىغا چىقىشقا يوقتۇر جۈرئىتىمىز. قالدى ساناقلىق كۈنىمىز، چېكىگە يەتتى ئۆمرىمىز، چۈنكى توشتى ئەجىلىمىز. 19 بۈركۈتتىن تېزدۇر بىزنى قوغلىغۇچىلار، تاغلاردا بىزنى قوغلاپ كېلەر، بۆكتۈرمە قويۇپ چۆلدە، كۈتۈپ تۇرار. 20 پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ _ ھاياتىمىزنىڭ يىلتىزى چۈشتى ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا. ئۈمىد قىلغانىدۇق بىز ئەسلى، ياشايمىز دەپ ئەللەر ئارا پادىشاھىمىزنىڭ سايىسىدا. 21 ئەي ئۇس يۇرتىدا ياشايدىغان ئىدوملۇقلار، خۇشال بولۇۋېلىڭلار، شادلىنىۋېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تولغان قەدەھ كېلەر ئەمدى سىلەرگە، ئۇنى ئىچىپ مەست بولىسىلەر، ئاندىن يالىڭاچلىنىسىلەر. 22 ئەي سىئون شەھىرى، تارتىپ بولدۇڭ جازايىڭنى، پەرۋەردىگار سۈرگۈندە تۇتۇپ تۇرماس ئەمدى سېنى. لېكىن ئەي ئىدوم، ئەمدى پەرۋەردىگار بېرەر جازايىڭنى، ئاشكارا قىلار جىنايىتىڭنى! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti