Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مەرسىيەلەر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


3-مەرسىيە: يېرۇسالېمنىڭ خۇداغا ئۈمىد باغلىشى

1 ئازاب چەككەن ئىنسانمەن خۇدانىڭ غەزەپ تايىقىدا.

2 زۇلمەتكە باشلاپ كىردى ئۇ مېنى، كۆرسەتمەيدۇ ئۇ ماڭا قۇياش نۇرىنى.

3 بەرھەق، ئۇ كۈنبويى زەربە بېرەر، ماڭا تىنماي ھۇجۇم قىلار.

4 شەلۋەرەتتى ئەت ۋە تېرەمنى، سۇندۇردى ئۇستىخانلىرىمنى.

5 ھەر جەھەتتىن ئازابلار مېنى، تېتىدىم جەبىر-زۇلۇمنى.

6 مەھكۇم قىلدى مېنى زۇلمەتكە، ئوخشاپ قالدىم خېلى بۇرۇن ئۆلگەن ئادەمگە.

7 قاچمىسۇن دەپ، قاماپ قويدى ئۇ مېنى، شۇنچە ئېغىر زەنجىر بىلەن باغلاپ تېنىمنى.

8 قىلساممۇ گەر يىغلاپ نىدا، قۇلاق سالماس دۇئايىمغا.

9 تاشلار بىلەن توسۇپ ماڭار يولۇمنى، شۇنچە قىيىن قىلدى مېنىڭ مېڭىشىمنى.

10 ئېيىق كەبى پايلاپ تۇرار ئۇ مېنى بۆكتۈرمىدە، پۇرسەت كەلسە شىر كەبى ئېتىلماق بولۇپ ئۈستۈمگە.

11 يولدىن سۆرەپ بىر چەتكە مېنى، تاشلاپ قويار پارچە-پارچە قىلىپ تېنىمنى.

12 خۇدا تارتىپ ياسىنى، نىشان قىلدى مېنى.

13 يادىن ئۈزۈلگەن ئوقلىرى، تەشتى مېنىڭ يۈرىكىمنى.

14 قالدىم پۈتۈن خەلقنىڭ مەسخىرىسىگە، مازاق قىلار كۈنبويى قېتىپ بېيىتىگە.

15 ئۇ مېنى سالدى ئازابقا، دەرد تارتتىم يەتكۈچە.

16 توپىغا مىلەپ چەيلىدى ئۇ مېنى، تاشلار بىلەن چاقتى چىشلىرىمنى.

17 يوقاتتى ئۇ تىنچلىقىمنى، ئۇنتۇدۇم شادلىقنىڭ نېمىلىكىنى.

18 دېدىم «قالمىدى ھېچ دەرمانىم، ئۈزۈلدى پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم.»

19 ئويلىسام دەرد تارتقان، سەرگەردان كۈنلىرىمنى، ئەسلەيمەن ئەمەن ۋە ئۆتنىڭ قىرتاق تەملىرىنى.

20 بۇ مەنزىرىلەر قاپلاپ قەلبىمنى شۇنچە ئېغىر باسار روھىمنى.

21 بىراق ئويلىسام پەرۋەردىگارنى، يوقاتمايمەن ئۈمىدىمنى.

22 توختىماس پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى، ئۈزۈلمەس ئۇنىڭ چەكسىز رەھىمدىللىكى.

23 ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكى يېڭىلىنار ھەر كۈنى سەھەر، ئۇنىڭ بىزگە بولغان ساداقىتى بۈيۈك شۇ قەدەر.

24 بارلىقىم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگارنى، شۇڭا ئۇنىڭغا باغلايمەن ئۈمىدىمنى.

25 بەخت ئاتا قىلار پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغانلارغا، ئىلتىپاتىنى ياغدۇرار ئۆزىگە سېغىنغانلارغا.

26 پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈش گۈزەلدۇر شۇڭا.

27 پايدىلىقتۇر تەربىيە ئېلىش ياشلىقتا.

28 تەنھا ئولتۇرۇپ، سۈكۈت قىل پەرۋەردىگاردىن تەربىيە ئالغاندا.

29 ئىتائەتچانلىق بىلەن باش قوي زېمىنغا، بەلكىم بىرەر ئۈمىد باردۇر يەنىلا.

30 تەربىيەچىگە تۇتۇپ بەرگىن مەڭزىڭنى، رەت قىلماي ئاڭلىغىن تىل-ئاھانەتلىرىنى.

31 ئىگىمىز تاشلىماس بىزنى مەڭگۈگە.

32 گەرچە ئۇ ئازار بەرسىمۇ بىزگە، شاپائەت قىلار ئۇ يەنە، چۈنكى ئۇ ئىگىدۇر چەكسىز مۇھەببەتكە.

33 ئىگىمىز ئادەملەرنى ئازابلاشنى، قىيناشنى خالىمايدۇ.

34 يۇرتتىكى ئەسىرلەرنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنغانلىقىنى،

35 ئادەملەرنىڭ ئادالەتتىن مەھرۇم بولغانلىقىنى، ئۇلۇغ خۇدا بىلىپ تۇرىدۇ.

36 سوتتا ناھەقچىلىق قىلغانلارنى، ئىگىمىز كۆرۈپ تۇرىدۇ.

37 ئەگەر ئىگىمىز بۇيرۇمىغان بولسا ئۇنى، ئەمەلگە ئاشسۇن كىمنىڭمۇ سۆزى؟

38 ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئەمرىسىز بولغانمۇ ئاپەت ياكى ئامەت؟

39 بىز جازالاندۇق گۇناھلىرىمىز ۋەجىدىن، قانداقمۇ ئاغرىنايلى خۇدادىن؟

40 قاراپ باقايلى يولىمىزغا، قايتايلى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا.

41 قولىمىزنى سوزۇپ يۇقىرىغا، چىن دىلىمىزدىن دۇئا قىلايلى ئەرشتىكى خۇداغا:

42 «گۇناھ قىلدۇق، يۈز ئۆرۈدۇق، كەچۈرمىدىڭ سەن بىزنى.

43 غەزەپ بىلەن قوغلاپ ئارقىمىزدىن، رەھىمسىزلەرچە قىردىڭ بىزنى.

44 يوشۇرۇۋالغاچقا سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇتلارغا، بارالمىدى دۇئايىمىز سېنىڭ يېنىڭغا.

45 ئەللەر ئارا ئايلاندۇردۇڭ بىزنى كېرەكسىز داشقالغا.

46 دۈشمىنىمىز كۈلۈشۈپ، مازاق قىلار بىزنى مانا.

47 چۈشتۇق بىز قورقۇنچقا، يۈزلەندۇق تۇزاق، ھالاكەت ۋە يوقىلىشقا.»

48 خەلقىمنىڭ ھالاكىتىدىن كۆز يېشىم بولدى دەريا.

49 ياش توختىماس كۆزۈمدىن، توختىماس ئەسلا،

50 پەرۋەردىگار ئەرشتىن باقمىغۇچە ھالىمىزغا.

51 كۆرسەم شەھەردىكى ئاياللارنى، كۆرگەنلىرىم ئازابلايدۇ قەلبىمنى.

52 سەۋەبسىزلا دۈشمەن بولۇپ ماڭا ئادەملەر، قۇشقاچ تۇتماقچى بولغاندەك قوغلايدۇ ئۇلار.

53 چوڭقۇر ئورىغا تاشلاپ ئۇلار مېنى، ئەتتى تاش بىلەن ئورىنىڭ ئاغزىنى.

54 سۇ باستى مېنى، ئۆلدۈم، دېدىم ئىچىمدە.

55 ئى پەرۋەردىگار، چوڭقۇر ئورىدىن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا.

56 ئاڭلىغايسەن ئىلتىجايىمنى، قۇلاق سېلىپ تىڭشىغايسەن نىدايىمنى.

57 ئىلتىجا قىلسام ساڭا، كېلىپ مېنىڭ يېنىمغا: «قورقما» دېدىڭ ماڭا.

58 ئى ئىگەم، ئاقلاپ مېنى، قۇتۇلدۇردۇڭ ھاياتىمنى.

59 ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ ماڭا ئۇۋال بولغانلىقىنى، گۇناھسىز، دەپ ھۆكۈم قىلغايسەن مېنى!

60 بىلدىڭ ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆچلۈكىنى، قىلغان بارلىق سۇيىقەستلىرىنى.

61 ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىدىڭ ئۇلارنىڭ مېنى قانداق تىللىغانلىقىنى، ماڭا قانداق سۇيىقەست قىلغانلىقىنى.

62 ئۇلار ماڭا تۆھمەت قىلار، قارشى تۇرار كۈنبويى.

63 قارا! ئەتىگەندىن كەچكىچە نېمە قىلسا ئۇلار، ناخشىلىرىدا مېنى مەسخىرە قىلار.

64 ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، جازالىغىن ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا!

65 ئۆتۈنەي، ئەندىشە سېلىپ دىلىغا، لەنىتىڭنى چۈشۈرگەيسەن ئۇلارغا.

66 ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، غەزەپ بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ ئۇلارنى، يوق قىلغايسەن دۇنيادىن تامامىنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan