مەرسىيەلەر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2-مەرسىيە: يېرۇسالېمنىڭ جازالىنىشى 1 ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى. 2 ئىگىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلىپ ياقۇپنىڭ تۇرالغۇلىرىنى، غەزەپ بىلەن تۈزلەپ تاشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ قەلئەلىرىنى، ئاياغ ئاستى قىلىپ، خورلىدى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى. 3 ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ، يوق قىلدى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلغاندا كۆتۈرمىدى ھەممىگە قادىر قولىنى. ئۇ ھەممىنى يالماپ يۇتۇپ ئوت كەبى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى ياقۇپنىڭ يۇرتىنى. 4 پەرۋەردىگار دۈشمىنىگە بەتلىگەندەك ئوقياسىنى، ئوڭ قولىدا تارتىپ يانىڭ كىرىچىنى، ئۆلتۈردى بىز سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنى، ياغدۇردى ھەم سىئون خەلقىگە ئوتتەك قەھرىنى. 5 ئىگىمىز دۈشمەن كەبى ۋەيران قىلدى ئىسرائىلىيەنى، ۋەيران قىلىپ سارايلارنى، تۈزلىۋەتتى قەلئەلەرنى، يەھۇدىيە خەلقى توختىتالماس ماتەم يىغىسىنى. 6 ئۇ خۇددى ۋەيران قىلغاندەك بېغىدىكى كەپىسىنى، ۋەيران قىلدى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى. ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن ئۇچرىشىش جايىنى ۋەيران قىلدى، بىكار قىلدى سىئوندا بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى، ئۇ قەھرى بىلەن رەت قىلدى پادىشاھ ۋە روھانىيلارنى. 7 ئىگىمىز ئۆزىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن ۋاز كەچتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئەتتى. سىئوندىكى ئوردا سېپىللىرىنى دۈشمەنگە تاپشۇردى. دۈشمەنلەر خۇددى بايرام بولغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا قىيقاس-چۇقان كۆتۈردى. 8 پەرۋەردىگار سىئوننىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇش قارارىغا كەلدى، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقتى ۋە نىيىتىدىن يانمىدى. قەلئەلەر، سېپىللار ھەسرەت چېكىپ، ۋەيران بولدى. 9 پەرۋەردىگار سىئوننىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى بۇزدى، شەھەر دەرۋازىلىرى توپىنىڭ ئاستىدا قالدى. پادىشاھ، يولباشچىلار يات يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىندى، تەۋرات قانۇنى خەلققە ئۆگىتىلمەس، پەرۋەردىگاردىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي كەلمەس بولدى. 10 سىئوننىڭ ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، يەردە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدى. يېرۇسالېم قىزلىرى غەمدىن باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ قالدى. 11 تولا يىغلاپ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى، يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك باغرىم تىتىلدى. چۈنكى خەلقىم ۋەيران، بالىلار، بوۋاقلار شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى. 12 «ئېچىرقىدىم، چاڭقىدىم» دەپ بالىلار ئانىلىرىغا پەرياد قىلاتتى. ئۇلار يارىلانغان باتۇرلارغا ئوخشاش شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى، ئانىلىرىنىڭ قۇچاقلىرىدا ئاستا-ئاستا جان بېرەتتى. 13 ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟ 14 يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى. 15 چاۋاك چېلىپ، مازاق قىلار سېنى يولدىن ئۆتكەنلەر، ئۇلار يېرۇسالېمغا قارىشىپ، بېشىنى چايقىشىپ: «گۈزەللىكتە تەڭداشسىز شەھەر شۇمۇ؟ پۈتۈن دۇنيانى شادلاندۇرغان شەھەر شۇمۇ؟» دېيىشەر. 16 دۈشمەنلەر ئۈستۈڭدىن كۈلۈشۈپ، مەسخىرە قىلار سېنى. ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ دېيىشەر: «ۋەيران قىلدۇق بىز ئۇنى، بەرھەق، بۇ ھەقىقەتەن بىز كۈتكەن كۈن ئىدى، ئاخىر كۆردۇق بىز كۈتكەن بۇ كۈننى!» 17 پەرۋەردىگار ئورۇندىدى پىلانىنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇرۇن قىلغان سۆزىنى، ئۇ رەھىم قىلماي يوقاتتى سېنى، مەغلۇبىيىتىڭدىن شادلاندۇرۇپ دۈشمىنىڭنى، تېخىمۇ كۈچلەندۈردى رەقىبىڭنى. 18 ئەي سىئوننىڭ شەھەر سېپىلى، نىدا قىل چىن قەلبىڭدىن ئىگىمىزگە! كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن يېشىڭ دەريا كەبى، كۈن ۋە تۈن يۇمما كۆزلىرىڭنى. 19 ئويغىنىپ كېچىلىرى نەچچە رەت، نىدا قىلغىن ئىگىمىز ئالدىدا، قەلبىڭنى ئىزھار قىلغىن ئۇنىڭغا. قول كۆتۈرۈپ ئۆتۈنگىن ئىگەڭدىن، ئاچلىقتىن ھوشسىز ياتقان بالىلىرىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا. 20 سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟ 21 قېرىلارنىڭ، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى ياتار كوچىدا، قىزلىرىم، ئوغۇللىرىم ئۆلتۈرۈلگەن قىلىچ ئاستىدا. ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭ سەن غەزەپلەنگەن كۈنۈڭدە، ھېچبىر رەھىم قىلمىدىڭ قىرىپ تاشلىغىنىڭدا. 22 خۇددى بايرام ئۈچۈن مېھمان تەكلىپ قىلغاندەك، دۈشمەن يىغىپ ئەتراپىمغا، ھۇجۇم قىلدۇردۇڭ بىزگە. سەن غەزەپلەنگەن كۈنى ھېچكىم قۇتۇلالمىدى ھەم ھېچكىم ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمىدى. دۈشمەن قىرىپ تاشلىدى مەن تۇغۇپ، باققان بالىلارنى.» |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti