Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

مەرسىيەلەر 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


1-مەرسىيە: يېرۇسالېمنىڭ نالىسى

1 ئاھ، بىر چاغلاردا ئادەملەرگە لىق تولغان شەھەر، ئولتۇرۇپتۇ ئەمدى پېتىپ يالغۇزلۇققا! بىر چاغلاردا ئەللەر ئارا مەشھۇر شەھەر، ئوخشاپ قاپتۇ ئەمدى پەقەت تۇل ئايالغا. بىر چاغلاردا مەلىكە ئىدى ئۇ ئۆلكىلەر ئارا، ئەمدى ئۇ ئوخشاپ قالغان يوقسۇل قۇلغا.

2 يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.

3 يەھۇدىيە خەلقى ئازاب چەكتى، قۇل بولدى، سۈرگۈن بولۇپ يىراقلارغا، يات ئەلگە، تاپالمىدى باش تىققۇدەك بىرەر ماكان ئۆزلىرىگە. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان چاغدا ئۇلار، ئەسىرگە چۈشتى قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلىرىگە.

4 ھېچكىم كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزمىگەچكە، ماتەم تۇتماقتا سىئون يوللىرى، چۆلدەرەپ قالغان شەھەر دەرۋازىلىرى، ھەسرەت چېكەر روھانىيلىرى. قايغۇغا پاتقان سىئون قىزلىرى، ئازابقا تولغان ھەم قەلبلىرى.

5 خوجايىن بولۇپ دۈشمەنلىرى سىئونغا، روناق تېپىپ، گۈللىدى راسا. سىئون قىلغاچ كۆپ گۇناھ، پەرۋەردىگار ئازابتا قويدى ئۇنى، دۈشمەنلىرى ئەسىر ئېلىپ بالىلىرىنى، سۈرگۈن قىلدى ئۇلارنى.

6 پۈتۈنلەي يوقالدى سىئوننىڭ شان-شەرىپى، چۆپ تاپالمىغان كېيىككە ئوخشاپ قالدى يولباشچىلىرى، ئوۋچىلاردىن قېچىشقا يوقتۇر ئۇلارنىڭ مادارى.

7 سەرگەردانلىقنىڭ ئازابلىق پەيتلىرىدە يېرۇسالېم ئېسىگە ئالار شانلىق كۈنلىرىنى، ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە تەۋە بايلىقلىرىنى. ئۇنىڭ خەلقى چۈشكەندە دۈشمەن قولىغا، ياردەم بەرگۈدەك ھېچكىم بولمىدى ئۇلارغا. دۈشمەنلىرى كۆرگەندە يېرۇسالېمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇنىڭ ھالاكىتىنى.

8 يېرۇسالېم قىلىپ قاتتىق گۇناھ، بۇلغىدى ئۆزىنى. بۇرۇن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانلار، كۆرۈپ ئەمدى شەرمەندىچىلىكىنى، كەمسىتەر ئۇنى. ئۇ ھەسرەتلىنىپ، قاچۇرار ئۆزىنى.

9 ناپاكلىق بۇلغىدى ئۇنىڭ كىيىمىنى، ئويلاپ باقمىغانىدى ئۇ ئاقىۋىتىنى. ئۇ پاجىئەلىك ھالدا ۋەيران بولدى، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، نەزەر سالغىن كۈلپەتلىرىمگە، ئىگە بولدى دۈشمەنلىرىم غەلىبىگە.»

10 دۈشمەن ئېلىپ كەتتى سىئوننىڭ بايلىقلىرىنى. كۆردى سىئون خەلقى ياتلارنىڭ بېسىپ كىرگىنىنى ئىبادەتخانىغا _ ئىگىمىزنىڭ ياتلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن جايىغا.

11 پۈتۈن سىئون خەلقى نانغا زار بولۇپ، ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئاش تېگىشىپ يەر گۆھەرگە. سىئون نالە قىلماقتا: «ئى پەرۋەردىگار، نەزەر سال ماڭا، مەن خارلانماقتىمەن!

12 ئەي يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار، پەرۋا قىلمامسىلەر ماڭا، كۆرۈۋاتامسىلەر مېنى؟ پەرۋەردىگار غەزەپ كۈنىدە ئازاب بەردى ماڭا، كىم مەندەك ئازابلىنىپ باققان؟

13 ئۇ پەلەكتىن ئوت چۈشۈرۈپ، كۆيدۈردى سۆڭەكلىرىمنى. تۇزاق قۇرۇپ يولۇمغا، قايتۇردى مېنى ئارقامغا. ئۇ مېنى مەھكۇم قىلدى تەنھالىققا، ئۈزلۈكسىز ئېچىنىشلىق ئازابقا.

14 بويۇنتۇرۇققا ئايلاندى گۇناھلىرىم، ئۇنى ئۆزى ياسىدى پەرۋەردىگارىم. بوينۇمغا ئېسىپ بويۇنتۇرۇقنى، قويمىدى مېنىڭ ھالىمنى. ئىگىمىز تاپشۇردى مېنى دۈشمەن قولىغا، مەن تاقابىل تۇرالمايمەن ئۇلارغا.

15 ئىگىمىز مەنسىتمىدى پۈتۈن باتۇرلىرىمنى، لەشكەر توپلاپ ھۇجۇم قىلدى ئۇ ماڭا، بىتچىت قىلماق بولۇپ يىگىتلىرىمنى. خۇددى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئەزگەندەك دەسسەپ چەيلىدى يەھۇدىيە خەلقىنى.

16 مەن پەرياد قىلىمەن شۇڭا، كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقماقتا. ھېچكىم يوقتۇر تەسەللى، مەدەت بېرىشكە. پەرزەنتلىرىم قالدى تەنھا، يېگانە، چۈنكى دۈشمەن ئېرىشتى غەلىبىگە.»

17 سىئون قولىنى سوزۇپ ياردەم سورايدۇ، لېكىن ھېچكىم پەرۋا قىلماس ئۇنىڭغا. پەرۋەردىگار ئەمر قىلدى قوشنا ئەللەرگە: «دۈشمەن بول» دەپ ياقۇپ نەسلىگە. يېرۇسالېم قوشنا ئەللەرنىڭ نەزىرىدە بولۇپ قالدى ئەمدى يىرگىنچلىك بىر نەرسە.

18 سىئون يەنە نالە قىلماقتا: «لېكىن ئادالەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۆزۈمدۇرمەن قارشى چىققان ئۇنىڭ ئەمرىگە. ئەي بارچە ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، بىر بېقىڭلار كۈلپەتلىرىمگە! قىز-ئوغۇللىرىم دۇچار بولدى سۈرگۈنگە.

19 ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن، لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى. روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى، نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.

20 ئېھ پەرۋەردىگار، باققىن مېنىڭ ھەسرەتلىرىمگە. ئاسىيلىق قىلدىم ساڭا، يۈرىكىم پۇچۇلۇپ، روھىم سولماقتا شۇڭا. كوچىلاردا قىرغىنچىلىق، ئائىلىلەردە ئۆلۈم ھۆكۈم سۈرمەكتە.

21 ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى، لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا. پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا. كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا.

22 نەزىرىڭدە بولسۇن رەزىللىكلىرى ئۇلارنىڭ! گۇناھلىرىم ئۈچۈن جازالىغان بولساڭ مېنى قانداق، ئىستىكىم شۇكى، جازالىغىن ئۇلارنىمۇ ئاشۇنداق. كۆپتۇر مېنىڭ ئاھۇزارىم، مادارىدىن كەتتى يۈرەك-باغرىم.»

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan