Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يەھۇدا يازغان خەت 1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام.

2 خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ رەھىمدىللىك، ئامانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغاي!


ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى

3 قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.

4 بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.

5 بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.

6 يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالىماي، ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەببىمىز ئۇلۇغ قىيامەت كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قاراڭغۇلۇققا تاشلىدى.

7 سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.

8 ئاراڭلارغا كىرىۋالغان بۇ ئادەملەر «خۇدادىن ۋەھىي كەلدى» دەپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ، شۇ تەرىقىدە ئۆز تەنلىرىنى بۇلغىماقتا. ئۇلار خۇدانىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلماي، ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.

9 ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان.

10 لېكىن، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك، ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسى بويىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.

11 بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.

12 دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ.

13 خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى مەينەتچىلىكنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغاندەك، ئۇلار ئۆز بۇزۇقچىلىقىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھازىرلاپ قويۇلغان قاپقاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىدۇ.

14 ئادەم~ئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانۇخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئالدىن ئېيتقان: «قاراڭلار، رەببىمىز تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن كەلمەكتە.

15 ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان ھەربىر ئىنساننىڭ خۇداغا قارشى ھالدا قىلغان يامانلىقلىرى، شۇنداقلا بۇ گۇناھكارلارنىڭ رەببىمىزگە قارشى قىلغان بارلىق كۇپۇرلۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالايدۇ.»

16 بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.


ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تاپىلاش

17 قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.

18 ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، گۇناھقا پاتقان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خۇدانى مازاق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەنىدى.

19 ئۇلار ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، ئۆز تەبىئىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان، قەلبىدە مۇقەددەس روھ بولمىغان كىشىلەردۇر.

20 لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار.

21 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار.

22 ئېتىقادىدا تەۋرىنىۋاتقانلارغا رەھىم قىلىڭلار.

23 بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار.


مەدھىيە دۇئاسى

24-25 ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan