Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوشۇۋا 9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللارنى ئالدىشى

1 ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ھەمدە لىۋان تاغلىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پادىشاھلار، يەنى خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس پادىشاھلىرى ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدى.

2 بۇ پادىشاھلار قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇۋا باشچىلىقىدىكى ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى.

3 گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ،

4-5 ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلاپ چىقتى. ئۇلار يوشۇۋاغا ئەلچى ئەۋەتىشتى. ئەلچىلەر يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن خۇرجۇن، ياماق سېلىنغان كونا شاراب تۇلۇملىرى ئارتىلغان ئېشەكلەرنى يېتىلىۋالغانىدى. پۇتلىرىغا كونىراپ، ئەبجىقى چىققان ئاياغلارنى، ئۇچىسىغا كونا كىيىملەرنى كىيىشىپ، كۆكىرىپ، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئېلىۋېلىشقانىدى.

6 ئۇلار گىلگالدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىغا كېلىپ، يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارغا: _ بىز يىراق بىر جايدىن سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق، _ دېدى.

7 ئىسرائىللار خىۋلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر بەلكىم مۇشۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالار بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزەلەيمىز.

8 _ بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، _ دېدى ئۇلار جاۋابەن. ئەمما يوشۇۋا: _ سىلەر كىم؟ زادى قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ يەنە قايتىلاپ سورىدى.

9 _ بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا توغرىسىدا ئاڭلاپ، يىراق جايدىن كەلگەن خىزمەتكارىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مىسىردا سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق.

10 بىز يەنە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى، يەنى خەشبون شەھىرىنىڭ پادىشاھى سىخون بىلەن باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان ئوگ پادىشاھقا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق.

11 شۇڭا بىزنىڭ ئاقساقاللىرىمىز ۋە بارلىق خەلقىمىز بىزگە: «سىلەر ئۇزۇن سەپەرگە يەتكۈدەك يېمەكلىك ئېلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىڭلار. بېرىپ ئىسرائىل خەلقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا: ‹بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، بىز سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگىلى كەلدۇق› دەڭلار» دەپ بۇيرۇدى.

12 بۇ نانلار بىز يولغا چىققاندا يېڭىلا پىشۇرۇلغانىدى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ھازىر بۇ نانلار كۆكىرىپ، قېتىپ كەتتى.

13 بىز بۇ شاراب تۇلۇملىرىغا شاراب توشقۇزۇپ ماڭغاندا، بۇ تۇلۇملارمۇ يېڭى ئىدى، ھازىر كونىراپ، يېرىلىپ كەتتى. بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ۋە ئاياغلىرىمىزمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

14 ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى قولىغا ئېلىپ كۆردى، ئەمما پەرۋەردىگاردىن بۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە سورىمىدى.

15 شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى.

16 گىبئونلۇقلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن يەردە ياشايدىغان قوشنا خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى.

17 ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى.

18 ئەمما ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلمىدى، چۈنكى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم بېرىشكەنىدى. ئىسرائىل خەلقى ئۆز ئاقساقاللىرىنىڭ قەسەم بېرىشكەنلىكىدىن ئاغرىنىشتى.

19 بىراق ئاقساقاللار ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ: _ بىز پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەن، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلساق بولمايدۇ!

20 مەيلى، ئۇلار ياشاۋەرسۇن. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەسىمىمىزنى بۇزساق، پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپلىنىدۇ.

21 شۇڭا ئۇلارنى ھايات قالدۇرايلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئاقساقاللار گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئوتۇن، سۇلىرىنى توشۇيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇدى.

22 يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى يىغىپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىزگە قوشنا تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزنى ئالداپ: «بىز سىلەردىن يىراق يەردە ياشايمىز» دېدىڭلار؟

23 سىلەر قارغىشقا قالىسىلەر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ خۇدانىڭ ئىبادەت جايدا ئوتۇن ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر، _ دېدى.

24 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ چۈنكى بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.

25 ھازىر بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇق. بىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى توغرا تاپساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېيىشتى.

26 يوشۇۋا ئۇلارغا ھاياتلىق يولى بېرىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمىدى.

27 شۇ كۈندىن باشلاپ يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىل جامائىتى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن ئوتۇن يېرىشقا ۋە سۇ توشۇشقا بۇيرۇدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن تاللانغان يەر قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىغان بولدى. ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan