يوشۇۋا 7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىئاكاننىڭ گۇناھى 1 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى يوقاتماي، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى. 2 يوشۇۋا بىرنەچچە ئادەمنى ئېرىخا شەھىرىدىن بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيتئاۋەن شەھىرىگە يېقىن ئاي شەھىرىگە ئەۋەتتى. يوشۇۋا ئۇلارغا: _ سىلەر ئۇ زېمىنغا بېرىپ چارلاپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر ئاي شەھىرىنى چارلاپ كېلىشكە يۈرۈپ كەتتى. 3 ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئاي شەھىرىنىڭ ئادىمى ئاز ئىكەن، شۇڭا بارلىق ئادىمىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت ئىككى-ئۈچ مىڭ ئادەم بارسىلا ئۇ شەھەرنى ئىگىلىگىلى بولغۇدەك. ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى بېرىپ، ئاۋارە بولمىسۇن! 4 شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىگە ئىسرائىللاردىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئادەملا باردى. بىراق ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىۋەتتى. 5 ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى شەھەر دەرۋازىسىدىن تاش قېزىش ئورنىغىچە قوغلاپ باردى. ئىسرائىللار دۆڭلۈكتىن تۆۋەن تەرەپكە چېكىنىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 36 ئادىمى ئۆلتۈرۈلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللارنىڭ يۈرەكلىرى قورقۇنچتىن سۇ بولۇپ كەتتى. 6 يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى. 7 ئاندىن يوشۇۋا مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن نېمە ئۈچۈن بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئامورلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلماقچى بولىسەن؟ بۇنىڭدىن كۆرە، بىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا ياشىغىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمىدى! 8 ئى ئىگەم! ئىسرائىللار دۈشمەندىن يېڭىلىپ، قېچىپ كەلدى. ئەمدى مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ 9 بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟ 10 پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئورنۇڭدىن تۇر! سەن نېمە ئۈچۈن يۈزۈڭنى يەرگە يېقىپ، دۈم ياتىسەن؟ 11 ئىسرائىللار ئۆزلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يالغانچىلىق قىلىپ، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتماي، ئۆز بىساتىغا قوشۇۋېلىپ، خىيانەت قىلدى. 12 شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرالماي، ئۇلاردىن يېڭىلىپ، ئارقىسغا قاراپ قاچتى. ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ھالاكەتكە يۈزلەندى. سىلەر تىقىۋالغان نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە، مەن سىلەرگە يار بولمايمەن. 13 ئورنۇڭدىن تۇر! ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنى پاكلا. ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئەتىكى كۈن ئۈچۈن تەييارلاپ، پاكلاڭلار. پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئەي ئىسرائىللار، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تىقىۋالدىڭلار! سىلەر بۇ نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە دۈشمىنىڭلارغا تاقابىل تۇرالمايسىلەر!› دەيدۇ» دە. 14 ئەتىگەندە سىلەر قەبىلىلەر بويىچە جەم بولۇڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار كۆرسەتكەن قەبىلە، ئۆز جەمەتلىرى بىلەن ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن جەمەت، ئۆز ئائىلىلىرى بويىچە ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن ئائىلە، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالدىغا چىقسۇن. 15 پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرگە خىيانەت قىلغان كىشى، شۇ نەرسىلەر بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئارىسىدا شەرمەندە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزدى. 16 ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى يىغدى، ئۇلاردىن يەھۇدا قەبىلىسى تاللاندى. 17 شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئالدىغا چىقتى، بۇلاردىن زەراخ جەمەتى تاللاندى. ئاندىن كېيىن زەراخ جەمەتى ئائىلىلىرى بىلەن ئالدىغا چىقتى، ئۇلاردىن زابدى ئائىلىسى تاللاندى. 18 ئاندىن زابدى ئائىلىسىنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاكان تاللاندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى. كارمى بولسا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا زەراخنىڭ ئوغلى ئىدى. 19 يوشۇۋا ئاكانغا: _ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى. 20 ئاكان ئىقرار قىلىپ يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ راست ئېيتتىڭ، مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم. 21 مەن ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە بابىلنىڭ بىر چىرايلىق تونىنى، تۆت قاداق كۈمۈش ۋە ئېغىرلىقى بىر قاداقتىن ئاشىدىغان چوكا ئالتۇننى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى ئېلىۋالغۇم كەلدى. ئۇلار ھازىر چېدىرىمنىڭ ئىچىدە كۈمۈش بىلەن بىرگە يەرگە كۆمۈكلۈك. 22 يوشۇۋا ئاكاننىڭ چېدىرىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار تېز بېرىپ، ئاكاننىڭ چېدىرىدىن يوشۇرۇلغان نەرسىلەرنى تاپتى، كۈمۈشمۇ شۇ نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا ئىدى. 23 ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى يوشۇۋا ۋە بارلىق ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يايدى. 24 ئاندىن يوشۇۋا بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى زەراخنىڭ ئوغلى ئاكاننى كۈمۈش، تون، چوكا ئالتۇن، ئوغۇل-قىز، كالا، ئېشەك، قوي، چېدىر ۋە باشقا پۈتۈن بىساتى بىلەن «بالايىئاپەت جىلغىسى»غا ئېلىپ كەلدى. 25 ئاندىن يوشۇۋا ئاكانغا: _ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىسەن؟ ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى 26 ھەمدە جەسەتنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئۇ دۆۋىلەنگەن تاشلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. مانا بۇ شۇ جىلغىنىڭ «بالايىئاپەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ياندى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti