Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوشۇۋا 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئون ئىككى ئابىدە تېشى

1 پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

2 _ سەن خەلق ئارىسىدىن، يەنى ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ،

3 ئۇلارغا ئېيتقىن: «دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى روھانىيلار توختىغان يەردىن 12 تاشنى ئېلىپ، بۈگۈن كەچتە سىلەر قارارگاھ قۇرىدىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن.»

4 شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ،

5 ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى توختىغان يەرگە بېرىڭلار ھەمدە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن ھەربىرىڭلار دەريادىن بىردىن تاشنى يۈدۈپ كېلىپ،

6 بۇ تاشلار بىلەن ئابىدە تىكلەڭلەر. كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلارنىڭ قانداق ھېكايىسى بار؟» دەپ سورىسا،

7 سىلەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭلار. بۇ تاشلار ئىسرائىل خەلقىگە بۈگۈن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىتىدۇ.

8 تاللانغان بۇ 12 ئەر پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا دېگىنىدەك، يوشۇۋانىڭ ئەمرى بويىچە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن 12 تاشنى يۈدۈپ، يېڭى قۇرغان قارارگاھقا ئېلىپ كەلدى ۋە شۇ يەردە ئابىدە تىكلىدى.

9 يوشۇۋامۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار توختىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.

10 پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋا ئارقىلىق خەلققە قىلغان بارلىق ئەمرلىرى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يوشۇۋاغا ئىلگىرى بەرگەن بۇيرۇقىدەك بولدى. خەلق تېزلا دەريادىن ئۆتتى.

11 پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، خەلق توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.

12 رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى.

13 ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40‏ مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى.

14 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يوشۇۋانى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا كۆككە كۆتۈردى. خەلق مۇسا پەيغەمبەرنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسا، يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكۈچە ئۇمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەندى.

15 پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا:

16 _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ دەريادىن چىقىشىنى بۇيرۇغىن، _ دېدى.

17 شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇدى.

18 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، قىرغاقنى دەسسىشى بىلەن تەڭ، دەريا سۈيى ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ، تاشقىنلاپ ئاقتى.

19 خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.

20 يوشۇۋا ئىئوردان دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 12 تاشنى گىلگالدا ئابىدە قىلىپ تىكلىدى.

21 يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلارنىڭ قانداق ھېكايىسى بار؟» دەپ سورىسا،

22 سىلەر ئۇلارغا: «ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى توختاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇرۇق دەريادىن ئۆتكەنلىكىنى» سۆزلەپ بېرىڭلار.

23 پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەرگەندەك، بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە، ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەردى.

24 پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ قولىنىڭ قۇدرىتىنى تونۇپ يېتىشىڭلار ھەمدە سىلەرنىڭ ئۆزىدىن ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan