Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوشۇۋا 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشى

1 ئەتىسى سەھەردە يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن قوزغىلىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە ئۇ يەردە قارارگاھ قۇرۇپ، دەريادىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇردى.

2 ئۈچ كۈندىن كېيىن يېتەكچىلەر قارارگاھلارنى ئارىلاپ،

3 خەلققە: _ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.

4 سىلەر بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇلار ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. بىراق سىلەر ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلاشماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر كىلومېتىر ئارىلىق تاشلاپ مېڭىڭلار، _ دەپ ئۇقتۇردى.

5 كېيىن يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار. ئەتە پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىدۇ.

6 ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

7 پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مېنىڭ مۇساغا يار بولغىنىمدەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.

8 سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلارغا مېنىڭ ئەمرىمنى يەتكۈزگىن، ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلگەندە، دەريانىڭ ئىچىدە تۇرسۇن.

9 كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.

10 سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.

11 قاراڭلار، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەردىن بۇرۇن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

12 سىلەر ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاڭلار.

13 پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ ئايىغى سۇغا تەگكەن ھامان، ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان توختاپ، دەريانىڭ يۇقىرىسىدا بىر يەرگە يىغىلىدۇ.

14 شۇنىڭ بىلەن خەلق قارارگاھلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىغا قاراپ ماڭدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۇلاردىن بۇرۇن ماڭدى.

15 ھوسۇل مەزگىلىدە ئىئوردان دەرياسى قىنىغا پاتماي، قىرغاقلاردىن تېشىپ ئاقاتتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريا بويىغا كېلىپ، دەرياغا كېچىشى ھامان،

16 يۇقىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىز، يەنى تۇز دېڭىزىغا قاراپ ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى.

17 ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار، قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ، پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan