يوشۇۋا 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيوشۇۋانىڭ ئەھدىنى قايتا بېكىتىشى 1 يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. 2 يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمكى زاماندا تەراھ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناخور بىلەن ئىبراھىم ۋە باشقا ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايتتى، ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى. 3 مەن ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلدىم. ئۇنى باشلاپ كەنئاننىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كېزىپ، ئىسھاقنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ نەسلىنى ئاۋۇتتۇم. 4 ئىسھاققا ئىككى ئوغۇل، يەنى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم. مەن سەئىردىكى تاغلىق رايوننى ئەساۋغا بەردىم. لېكىن ياقۇپ ئەۋلادلىرى بىلەن مىسىرغا كەتتى. 5 كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. 6 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار قىزىل دېڭىزغا كەلدى. مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغىچە قوغلاپ كەلدى. 7 ئۇلار مەندىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ چاغدا مەن زېمىنغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن ئايرىۋەتتىم ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇزۇن ۋاقىت چۆل-باياۋاندا ياشىدى. 8 كېيىن مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ باردىم. ئامورلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇردۇم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى يوقاتتىم. 9 كېيىن موئاب پادىشاھى، يەنى زىپپورنىڭ ئوغلى پادىشاھ بالاق سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. سىلەرنى قارغاش ئوقۇش ئۈچۈن بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. 10 لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتتىم. شۇنداق قىلىپ سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم. 11 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم. 12 مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى پاراكەندىچىلىككە سېلىپ، ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقاردىم. بۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئوقيا ئېتىپ، قىلىچ چېپىشىڭلار بىلەن قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس. 13 سىلەر بوز يەر ئاچمىدىڭلار، شەھەر بەرپا قىلمىدىڭلار، لېكىن سىلەر ھازىر شۇ شەھەرلەردە ياشاۋاتىسىلەر. باشقىلار ئۆستۈرگەن ئۈزۈم ۋە زەيتۇنلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.» 14 يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! 15 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز! 16 پۈتۈن خەلق جاۋاب بېرىپ: _ خۇدا ساقلىسۇن، بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلمايمىز! 17 پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى ۋە بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن بارلىق زېمىنلاردىكى يات خەلقلەردىن بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ كەلدى. 18 پەرۋەردىگار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بۇ يەردە ياشايدىغان بارلىق ئامورلارنى ۋە باشقا يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقاردى. شۇڭا بىز پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! _ دېيىشتى. 19 يوشۇۋا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشنى ئاددىي ئىش دەپ ئويلىماڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلاردىن قىزغىنىدىغان خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ. 20 پەرۋەردىگارىمىز سىلەرگە شۇنچە شەپقەت قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ، _ دېدى. 21 پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ ياق، بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز! _ دېدى. 22 يوشۇۋا خەلققە: _ سىلەر بۈگۈن ئۆز پەرۋەردىگارىڭلارغا خىزمەت قىلىش يولىنى تاللىدىڭلار. بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھتۇرسىلەر، _ دېدى. _ ھەئە، ئۆزىمىز گۇۋاھ بولىمىز، _ دېدى پۈتۈن خەلق. 23 يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە: _ شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئاراڭلاردىكى بارلىق يات خەلقلەرنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سادىق بولۇڭلار، _ دەپ خىتاب قىلدى. 24 پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىمىز، _ دېيىشتى. 25 شۇ كۈنى يوشۇۋا شەكەمدە پۈتۈن خەلققە ۋاكالىتەن پەرۋەردىگار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى قايتا بېكىتتى. 26 ھەمدە يوشۇۋا بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭ قانۇنى يېزىلغان پۈتۈككە كىرگۈزدى. ئاندىن يوشۇۋا بىر قورام تاشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھى يېنىدىكى پىستە دەرىخى تۈۋىگە ئابىدە قىلىپ تىكلىدى. 27 يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە: _ قاراڭلار، مانا بۇ قورام تاش، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇڭا سىلەر خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭلەردە تۇرمىساڭلار، بۇ تاش سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، _ دېدى. 28 كېيىن يوشۇۋا خەلققە ئىجازەت بېرىپ، ھەر قايسىسىنى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا قايتۇردى. يوشۇۋانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى 29 شۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى، يەنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە 110 ياشتا ئىدى. 30 ئىسرائىللار ئۇنى ئۆز يۇرتىدا، يەنى گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ئەفرايىم تاغلىق رايوندىكى تىمنات-سەراخقا دەپنە قىلدى. 31 يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 32 ئىسرائىللار مىسىردىن ئېلىپ چىققان يۈسۈپنىڭ سۆڭىكىنى شەكەمدە، يەنى ياقۇپ بۇرۇن شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن 100 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىندا ئىدى. 33 ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى گىبئاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti