يوشۇۋا 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىيوشۇۋانىڭ ئاخىرقى نەسىھەتى 1 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئامانلىق بەرگەندىن كېيىن، خېلى زامانلار ئۆتتى. يوشۇۋامۇ قېرىپ قالدى. 2 يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن قېرىپ قالدىم، 3 سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى قانداق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى! 4 مەن سىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلارغا شەرقتە ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زېمىنلارنى تەقسىم قىلىپ بەردىم. مەن سىلەرگە بىز بويسۇندۇرغان بارلىق يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ۋە بىز تېخى بويسۇندۇرمىغان يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردىم. 5 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا شۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر شۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر! 6 سىلەر مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنىمەڭلار! 7 سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار! 8 سىلەر ھازىرغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا سادىق بولۇپ كەلدىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار! 9 پەرۋەردىگار كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك يات خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقاردى. ھازىرغىچە ھېچكىم سىلەرگە تەڭ كېلەلمىدى. 10 سىلەرنىڭ بىر ئادىمىڭلار دۈشمەننىڭ مىڭ ئادىمىنى قوغلاپ چىقاردى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلدى. 11 سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭلارغا دىققەت قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن سۆيۈڭلار. 12 ئەگەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاراڭلاردا قالغان يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن دوستلاشساڭلار ۋە نىكاھلاشساڭلار، 13 بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا تاكى ھالاك بولمىغۇچە، ئۇلار سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ياكى دۈمبەڭلارغا ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلارغا قادالغان تىكەن بولىدۇ. 14 مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر. 15 خۇدا سىلەرگە بەرگەن ياخشى ۋەدىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئېتىقاد قىلىڭلار، بولمىسا ئۇ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بالايىئاپەتلەرنى بېشىڭلارغا ياغدۇرىدۇ ھەم سىلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىنمۇ قوغلاپ چىقىرىدۇ. 16 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىن بىر دەمدىلا يوق قىلىنىسىلەر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti