Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

يوشۇۋا 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلگەن شەھەرلەر

1-2 لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى كەنئان زېمىنىدىكى شىلو شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە بىزگە شەھەر ۋە مال-چارۋىلىرىمىزغا ئوتلاق بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.

3 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.

4 چەك تاشلاش ئارقىلىق لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

5 يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم، دان ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 10 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

6 يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، گېرشوم جەمەتىگە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

7 مىرارى جەمەتىگىمۇ چەك تاشلاش ئارقىلىق رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 12 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.

8 شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە يۇقىرىقى شەھەر ۋە ئوتلاقلارنى لاۋىي قەبىلىسىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق ئايرىپ بەردى.

9-10 لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى بولۇپ چەك چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىللار يەھۇدا ۋە شىمون قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەرنى ئۇلارغا ئەڭ ئالدىدا ئايرىپ بەردى:

11 يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىمۇ ئۇلارغا ئايرىپ بەردى (ئاربا ئاناقنىڭ ئەجدادى ئىدى).

12 ئەمما شەھەرنىڭ سىرتىدىكى دالىلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بۇرۇنلا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبغا تەقسىملەپ بېرىلگەنىدى.

13 شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ،

14 ياتتىر، ئەشتىموۋا،

15 خولون، دىبىر،

16 ئايىن، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.

17 ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا،

18 ئاناتوت ۋە ئالمون قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى.

19 روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى.

20 لاۋىي قەبىلىسىدىكى قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئايرىپ بېرىلدى.

21 ئىسرائىللار ئۇلارغا تاغلىق رايوندىكى ئەفرايىمنىڭ شەكەم شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، گەزەر،

22 قىبزايىم ۋە بەيت-خورون شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

23 ئىسرائىللار ئۇلارغا يەنە دان قەبىلىسىدىن ئەلتىقې، گىببىتون،

24 ئاييالون، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

25 ئۇلارغا يەنە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن تاناك، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 2 شەھەرنى ئايرىپ بەردى.

26 قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرى 10 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى.

27 لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.

28 ئىسساكار قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: قىشيون، دابىرات،

29 يارمۇت ۋە ئېنگاننىمدىن ئىبارەت 4 شەھەر.

30 ئاشېر قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: مىشئال، ئابدون،

31 خەلقات ۋە رىخوبتىن ئىبارەت 4 شەھەر.

32 نافتالى قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: جەلىلىيەدىكى قەدەش (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، خامموتدور ۋە قارتاندىن ئىبارەت 3 شەھەر.

33 شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار گېرشوم جەمەتىگە ئايرىپ بېرىلدى.

34 لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرىدىن مىرارى جەمەتى، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: يوقنىئام، قارتاھ،

35 دىمناھ ۋە ناخالال قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

36 رۇبېن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: بەزەر، ياھاز،

37 قىدېموت ۋە مېفائات قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

38 گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم،

39 خەشبون ۋە يازېر قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار.

40 شۇنىڭ بىلەن مىرارى جەمەتى (لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرى) 12 شەھەرگە ئىگە بولدى.

41 دېمەك، ئىسرائىللار زېمىنىدىن جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلدى.

42 بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوتلاقلىرى بار ئىدى.

43 شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى ئۇلارغا بەردى. ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولۇپ، شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشتى.

44 پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە پۈتۈن زېمىنغا ئامانلىق بەردى. ھېچقانداق بىر دۈشمەن ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى.

45 پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن بارلىق ۋەدىسىنىڭ بىرىمۇ قالماي ھەممىسى ئەمەلگە ئاشتى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan